Uyghur主要词典
غەيرىي ئالاھىدە يول
پسىخولوگىيە
رېفلېكس ياسىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلگۈچى ۋە مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋىلىرى نېرۋا ئىمپولىسىنى ئاز دىگەندە ئىككى خىل يول بىلەن ئۆتكۈزىدۇ؛ بىر خىلى، مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ئىمپۇلىسىنى رېتسېپتوردىن بىۋاستە چوڭ مېڭە پوستىلىقىدىكى ماس رايونغا ياكى مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا ئىمپۇلىسىنى چوڭ مېڭە پوستىلىقىدىن بىۋاستە ماس ئېففېكتورغا ياكى رېتسېپتورغا يەتكۈزىدۇ، بۇ خىل نېرۋا يولى ئالاھىدە ( مەركەزگە ئىنتىلگۈچى ياكى مەركەزدىن قاچقۇچى ) يول دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يوللارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئالاھىدە يول سىسىتېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ئېمپۇلىسىنى رېتسىبپتوردىن تورسىمان قۇرۇلمىغا، ئاندىن يەنە چوڭ مېڭە پوستىلىقىدىكى كەڭ رايونغا ياكى مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا ئىمپۇلىسىنى تورسىمان قۇرۇلما ئارقىلىق ماس ھالدىكى ئېففېكتورغا ياكى رېتسپتورغا يەتكۈزىدۇ، بۇ خىل نېرۋا يولى غەيرىي ئالاھىدە ( مەركەزگە ئىنتىلگۈچى ياكى مەركەزدىن قاچقۇچى ) يول دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ غەيرىي ئالاھىدە يوللارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە غەيرىي ئالاھىدە ( مەركەزگە ئىنتىلگۈچى ياكى مەركەزدىن قاچقۇچى ) يول دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ غەيرىي ئالاھىدە يوللارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە غەيرىي ئالاھىدە ( مەركەزگە ئىنتىلگۈچى ياكى مەركەزدىن قاچقۇچى) يول سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.