Uyghur主要词典
ئىسسىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسسىقنىڭ تەپتى ئۆتمەك.
ئاسان قىزىيدىغان نەرسە ئاسان سوۋۇيدۇ. ئىسسىساڭ ئېسىڭنى يوقاتما، سوۋۇساڭ، خۇدىڭنى ساقلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھارارىتى ئۆرلىمەك، ئىسسىق - قىزىق ھالەتكە كەلمەك.
سوۋۇماق
ھارارىتى چۈشمەك، سوغۇق ھالەتكە كەلمەك.
ئولتۇرۇۋەرسەڭ، تاشمۇ ئىسسىيدۇ. كۆيۈپ - پىشساڭمۇ سۇيۇقئاش تېز سوۋۇماس. ئوت قالىساڭ قىزىيدۇ، سۇ چاچساڭ سوۋۇيدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسسىقنىڭ تەسىرى ئۆتۈپ، ئىسسىق ھېس قىلماق. ئىسسىپ كەتمەك، ئىسسىپ قالماق، قىزىپ كەتمەك
توڭلىماق، مۇزلىماق
سوغۇقنىڭ تەسىرى ئۆتۈپ، سوغۇق ھېس قىلماق. توڭلاپ كەتمەك، توڭلاپ قالماق، مۇزلاپ كەتمەك
توخۇ توڭلىغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار. ئاپتاپتا بىردەم ئولتۇرغانىكەن، ئىسسىپتۇ. بالىنى ئاپتاپتا قويما، قىزىپ كېتىدۇ، دېدى ئانا. مۇزلىغاندا مۇز كالتەك يەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن يۇقىرى بولماق، ھارارىتى ئاشماق، ئىللىماق، قىزىماق.
ھاۋا ئىسسىماق. كۈن ئىسسىماق.
ئىللىق ئۆتمەك، ئىللىقلىق ھېس قىلماق، ئىسسىق تۇيۇلماق.
پۇتى ئىسسىماق. بەدىنى ئىسسىماق.