Uyghur主要词典
قوش
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قوشماق، قوشۇش. 1 . جەملىمەك
باشكە تۆتنى قوشسا توققۇز بولىدۇ.
2 . بىرىكتۈرمەك، چاتماق. ئاتىسى باشقىنى خۇدا قوشىدۇ، ئۇيۇرى باشقىنى نوختا (ماقال) . * قوشماق تەس، ئايرىماق ئاسان (ماقال) .
3 . ئارىلاشتۇرماق. ھاراقچى ئېيتىدۇ: «خەقلەر مېنى ھاراققا سۇ قوشىدۇ دەيمىش، نەدىكى، ھاراققا سۇ قوشمايدۇ، سۇغا ھاراق قوشىمەن .»
4 . قاتماق. ھارۋا قوشماق.
5 . تەقدىم قىلماق. تۆھپە قوشماق. كۈچ قوشماق. * مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تېگىشلىك ھەسسە قوشايلى.
«قۇش» تىن بىر تويۇق:
نەۋباھار كەلدى ئاكا، ئەپچىق ئېتىزغا قوش، دېدىم.
ئىشلىسەڭ پەيتنى تۇتۇپ، بەختىڭ بولار جۈپ - قوش، دېدى.
ئەيلە پەرۋىش مايسىلارنى يەتكۈزۈپ ھەقدادىغا،
مول ھوسۇلدىن تاغ ياساپ، خەلقىڭگە تۆھپە قوش، دېدى.
_ ئابدۇرەھىم زۇنۇن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ساپان.
ئۇينى قوشقا قاتماق. * قوش چىقماق. * قوش ھەيدىمەك. * قوشتىن چىقىرىپ سۈرەمگە ساپتۇ (ماقال) . * قوشتا يوق، ئورتاقتا يوق، خاماندا بار (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مال قوشى، مالچىلارنىڭ كىگىز ئۆيى.
قوش تىكمەك. * قوشىدا مېلىدىن ئىتى جىق (ماقال) . * دوستۇڭدىن ئايرىلغۇچە، قوشۇڭدىن ئايرىل (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت .
جۈپ.
قوش كېزەك. * قوش ئەستەر. * قوش تىرناق، قوش پەش، قوش بوغۇم. * قوش سۆز، قوش رېلىس. * بالا كەلسە قوش كەپتۇ (ماقال) .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەخسۇس پىشۇرۇلغان كىيگىز ياكى برېنتتىن مەخسۇس كېرىگە، چاڭغىراق ئۈستىگە يېپىپ قىلىنغان ئۆي. چارۋىچى قازاق، قىرغىز ، مۇڭغۇل قېرىنداشلارنىڭ كىيگىز ئۆيى.
« بوز ئۆي »،« كىگىز ئۆي » لەر چوڭ بولىدۇ.
« قوش » مالچىلارنىڭ ئۆيى.
« ئوتاۋ » ھۇجرا كەپى
بوز ئۆي يازدا سۆرۈن بولىدۇ. كىيگىز ئۆيگە كىرگەندە، قامچاڭنى پەگاپقا ئىل. قوشقا ئىت قارايدۇ، ئىتنى قوش باقىدۇ. يېڭى تويى بولغان يىگىت _ قىز ئوتاۋدا. ياز بىلەن قىش بىر چېدىردا ئۇچراشماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر ئاغدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان، چۆيۈن چىشلىق ئاددىي دېھقانچىلىق سايمانلىرى.
ساپان سالغان يەر ساندا بار. قوشتىن چىقىرىپ، سۆرەمگە ساپتۇ. سوقا دېھقاننىڭ ئىشەنچىلىك دوستى. بۇقۇسىدىن تېخى قۇتۇلالمىدۇق _ دەيدۇ دېھقان، _ خەقلەر تۆمۈر سوقىنى تراكتورغا سۆرىتىپ، يەر ھەيدىشىۋاتىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوش ئات _ خاننىڭ يېنىدا ماڭىدىغان يېتەك ئات.
3 - 174
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوش.
جۈپ بولغان ھەر قانداق نەرسە. قايچىنى « قوش پىچەك _ قوش پىچاق» دېيىش مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قورقمىش كىشىگە قوي باشى قوش كۆرۈنۈر _ قورققان كىشىگە قوي بېشى قوش كۆرۈنەر. بۇ ماقال بىر نەرسىدىن قورققان ۋە ھەتتا شۇ نەرسىنى ئويلىغاندىمۇ قورقۇپ سەكرەپ كېتىدىغان كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
ئارغۇچە.
3 - 174
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جۈپ ياكى ئىككى.
قوش ئەستەر. دۆلەت كەلسە قوش كەپتۇ، بالا كەلمىسۇن (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دېھقانچىلىقتا يەر ھەيدەش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چىش، بوقۇسا، ساپان قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى.
قوشما قاتماق. قوش ھەيدىمەك.
ئۇنداق بولسا، ئىككى قوش چىقىرىپ بىر كۈندىلا ھەيدىۋەتسەڭ بولىدىكەن، - دېدى ئابدۇرىشىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھەربىي يۈرۈش ۋە كوللېكتىپ سەپەرلەردە ۋاقىتلىق تۇرالغۇ، قونالغۇ قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان جاي، قارارگاھ، چېدىر.
كارۋانلار يول يۈرۈپ توختىغان جايدا قونۇش ئۈچۈن ئېلىپ يۈرىدىغان كىگىز ئۆي، چېدىر.
تۆگىچىلەر قوشى قاپچىغاينىڭ تۆۋىنىدىرەك ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. نور.