Uyghur主要词典
پۇراش ھۈجەيرىسى
پسىخولوگىيە
بۇ پۇراش سەزگۈسىنىڭ رېتسېپتورى. پۇراش ھۈجەيرىسىنىڭ شەكلى ئۇرچۇقسىمان بولىدۇ. ئۇ تۈۋرۈكسىمان تىرەك ھۈجەيرىسى ۋە نېگىز ھۈجەيرىلەر بىلەن بىرلىشىپ، پۇراش ئۈستۈنكى تېرسىنى ( ئېپېتېلىيىسىنى) تەشكىل قىلىدۇ. پۇراش ھۈجەيرىسىنىڭ بىر ئۇچى بۆرتۈپ چىقىپ ئەركىن ھالەتكە كەلگەن بولۇپ، ئاخىرقى ئۇچى قاپىرىپ كىرپىكلىك پۇراش پۇۋەكچىسىگە ئايلانغان. پۇراش پۆۋەكچىسى تىرەك ھۈجەيرىلىرىدىن شەكىللەنگەن يېرىم سۇيۇق جسىمنىڭ سىرتقى پەردىسى ئىچىگە جايلاشقان، پۇراش ھۈجەيرىسىنىڭ يەنە بىر ئۇچى ئىچكى تەرەپكە سوزۇلۇپ نېرۋا تالاسىغا ئايلانغان. بۇلاردىن يىپسىمان پۇراش يىپلىرى شەكىللىنىپ، بۇ يىپلار غەلۋىر سۆڭەك ئارقىلىق باشىنىڭ ئىچكى بوشلۇقىغا كىرىدۇ، ئۇ يەردە پۇراش شارچىسىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىلەن باغلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇراش باغلىمى، پۇراش بولۇڭى، يان پۇراش باغلىمىنى تەشكىل قىلىپ، چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى پۇراش سەزگۈ مەركىزىگە بارىدۇ. ئادەمنىڭ بۇرۇن بوشلۇقى ئانچە كىچىك بولمىسىمۇ، لېكىن پۇراش ھۈجەيرىلىرى پەقەت 2.5 كۋدارات سانتىمېترلىق پۇراش رايونىغىلا جايلاشقان. پۇراش رايونى بۇرۇن يولىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە ۋە بۇرۇننىڭ ئوتتۇرىدىكى بۆلگۈچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىر قىسمىدىكى ساغۇچ قېلىن شىللىق پەردىگە جايلاشقان، ئېغىز ياكى بۇرۇن بىلەن نەپەسلەنگەندە ھاۋا ئېقىمى بۇرۇننىڭ تۆۋەنكى يولى بىلەن ئۆتۈپ، پۇراش رايونىغا يېتىپ بارمىسا، پۇراق سېزىلمەيدۇ، پۇرىقى كۈچلۈكرەك ماددىلارنىڭ پۇرىقى كەڭرەك تارقالغانلىقتىن، پۇراش رايونىغا يېتىپ بارىدۇ، ياكى كۈچلۈك نەپەسلەنگەندە، پۇرىقى ئاجىزراق ماددىلارنىڭ پۇرىقىمۇ پۇراش رايونىغا يېتىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۇراق سەزگۈسى ھاسىل بولىدۇ، ئېغىزدىكى تاماقنىڭ پۇرىقى بۇرۇن بوشلۇقى ياكى ئېغىز بوشلۇقىدىن بۇرۇننىڭ ئارقا قىسمىدىكى پۇراش رايونىغا بارىدۇ.