—参考资料
<ئىككى تەربىيە>
شىنجاڭ مائارىپى
ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار
باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ساۋاتسىزلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىشنىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشىدۇر.
1984 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى <باشلانغۇچ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتكەن ئورۇنلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسى> نى ئېلاپ قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ تۆت خىل ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى ۋە 40 ياشتىن تۆۋەن بولغان ياش، ئوتتۇرا ياشلارنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى تۈگىتىشنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتتى. 1984 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مائارىپ نازارىتى يوپۇرغا ناھىيىسىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ <ئىككى تەربىيە> نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ساۋاتسىزلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنىڭ
قانات يايدۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.