English→Uyghur主要词典
Qarlug
دۇنيادىكى مىللەتلەر
قارلۇغلار
قارلۇغلار <قارلۇقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارلۇغلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى تۈركىي قەبىلە - قوۋملارنىڭ بىرى ھەمدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر <تاشقى توققۇز قەبىلە> سىنىڭ بىرى.
قارلۇغلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە، بەشبالىق (جىمسار) نىڭ غەربىي شىمالى، ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. مىلادى 627 - يىلى تۈرك ھۆكۈامرانلىرىنىڭ زۇلىمىغا چىداپ تۇرالماي، قارلۇغلارنىڭ شەرقىي قىسمىدىكىلىرى سىر - تاردۇشلارغا ئەل بولغان. غەربىي قىسمىدىكىلىرى يەنىلا غەربىي تۈرك قاغانى - ئېل بىلگى شىر قاغانننىڭ ھۆكۈامرانلىقى ئاستىدا قالغان، كېيىن غەربىي تۈرك قاغانى ئېل بىلگە شىر قاغان بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئوتتۇرسىدا تەخت تالىشىش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن قارلۇغلار مالىماندىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، بەشبالىق ۋە يەتتىسۇ ۋادىلىرى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى تۈرك قاغانى - چۆبە قاغانغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا، قارلۇغلار تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان، 744 - يىلى قارلۇغ قەبىلىلىرى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرك قاغانى - ئېدئىش قاغانغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، قاغان بەشبالىققا قاراپ قاچقان، شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىدىكى قارلۇغلار ئۇيغۇرلارغا ئەل بولغان، ئالتاي تېغى بىلەن بەشبالىق ئەتراپىدىكى قارلۇق قەبىلىلىرى ئۆز ئالدىغا يابغۇ تىكلەپ تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان، 766 - يىلى قارلۇغلار قۇدرەت تېپىپ، تۈركەش قەبىلىلىرىنىڭ ئورنىغا ددەسسەپ غەربىي تۈركلەرنىڭ سۈيئاپ، بالاساغۇن ۋە تالاس قاتارلىق مەشھۇر شەھەر - قەلئەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەسلىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە قارلۇغ خانلىقىنى بەرپا قىلغان، خانلىق روناق تاپقان مەزگىلدە ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە ئالتاي تېغى ئەتراپىدىن تارتىپ، غەربتە ئارال دېڭىزىغىچە، شىمالدا بالقاش كۆلىدىن تارتىپ، جەنۇبتا تەڭرىتاغلىرىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ خانلىق تەخمىنەن ئىككى ئەسىردەك ھۆكۈم سۈرگەن، 840 - يىلى شىمالىي چۆللۈكتىكى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، پاتتېكىن باشچىلىقىدا غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئون نەچچە قەبىلىسى قارلۇغ خانلىقى تەۋەسىگە كۆچۈپ كىرگەن، تەخمىنەن Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى قارلۇغ قەبىلىلىرى رايونىدا قاراخانىيلار خاندانلىقى شەكىللەنگەن ھەمدە قاراخانىيلار ئاھالىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. قارلۇغلار تاكى موڭغۇل قوشۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئىشغال قىلغانغا قەدەر، يەتتىسۇ قاتارلىق رايونلاردا ياشاپ، كېيىن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن، شۇڭا قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىن، قارلۇغلار ھەققىدە يازما تارىخىي ھۈججەتلەر ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ.