Uyghur主要词典
تىڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق پەيدا قىلغان تەسىرى.
تىنىقى يوقنىڭ ئۈنى يوق. تىل تاۋۇشلىرى - تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى، ئۇ تىلنىڭ ماددىي پوستى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن قاتتىق چىقىدۇ. خەلقنىڭ ساداسى - تەڭرىنىڭ ساداسى. بۇ گۈمبەز ئاستىدا ياڭرات خۇش سادا، نېمىنى دېسەڭ ئۇ قايتۇرار ساڭا. شۇ ئان تاغدىن <كىمسەن> دېگەن نىدا كەپتۇ. سەس چىققاندا سەل تىتىرىگەنىدى. قاتتىق قارىغاي سۇرىنى ھەربىر قارىغايدىن چىققان. بىر قوڭغۇراق كۆپەيسە، شاۋقۇن كۆپىيەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىلمىغان، ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن يەر، ئۆزلەشتۈرۈشكە، ئېچىپ تېرىلغۇ قىلىشقا بولىدىغان يەر.
ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قابىل دېھقان بوز ئاچار. بۇغداي تېرىساڭ، كۈزگى تېرى، ئارپا تېرىساڭ، تىڭغا تېرى. چەت بىنەمنىڭ تۈلكىسى كۆپ خۇشامەتچىنىڭ كۈلكىسى. بولسا سۇلۇق، بولمىسا بىنەم. خاڭدىغا يېقىن بولساڭ، يېرىڭ كۆپىيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆلكىلىك ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ كەسپىي فۇنكىسىيىلىك تارىقى.
مائارىپ نازارىتى؛ قاتناش نازارىتى؛ نازارەت - ئىدارىلار ئۆز ئىشىنى بېجىرىش بىلەن تەڭ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىك.
ئەر تىڭ تۇردى _ ئادەم تىك تۇردى.
3 - 487
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سادا، ئاۋاز، ئۈن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
زىرائەت تېرىلمىغان، ئېچىلمىغان، بوز.
تىڭ يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاۋاز، ئۈن، شەپە.