Uyghur主要词典
ئالاڭ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تۆپىلىك، ئېدىر، داۋان، ئېگىز - پەسىلىك:
قەتئ قىلغۇنچە رىيا دەشتى ئارا يۈزمىڭ ئالاڭ.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئوچۇق، ئوچۇقچىلىق، ھاللاڭ: ئالاڭ يازى - ئوچۇق تۈزلەڭلىك، تۈز يېزىق (<يالاڭ>غا قاراڭ.)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زىچ ئەمەس، ئارىلىقى كەڭ.
شالاڭ بۇلۇتنىڭ يامغۇرى ئاز، شالنى شالاڭ چاچقاندىن قويۇق چاچقان ياخشى. ئېتىزدىكى قوناقلار تارىقاي ئۆسكەنىدى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئالا، ئالا - بۇلا؛ شالاڭ. مەسىلەن: بۇغدايلار ئالاڭ ئۈنۈپ قاپتۇ. مەسىلەن:
ئاسمانلار ئالاڭلاپتۇ،
يۇلتۇزلار شالاڭلاپتۇ.
مەن يارغا نىمە قىلغان،
ئۇ مەندىن يامانلاپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالاڭ، ھاللاڭ، ئوچۇقچىلىق.
ئالاڭ يازى _ تۈز يېزىق، ئالاڭ مەيدان. بۇ سۆز «ئوچۇق قوۋۇق» دېگەن مەنىدىكى « ئاڭىل» سۆزىنىڭ ھەرپ ئالماشقان شەكلى.
1 - 182
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئارىسىغا زىرائەت ياكى باشقا ئۆسۈملۈكلەر ئۈنمىگەن، بوش، ئالا، ئاق.
ئالاڭ يەر.