Uyghur主要词典
يېقىن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئارىسى يىراق ئەمەس، ئارىلىقى قىسقا، بىر - بىرى بىلەن ئازراقلا ئارىلىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان.
جەينەك يېقىن بولسىمۇ چىشلىگىلى بولماس (ماقال).
ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال (ماقال).
مەلۇم ۋاقىتنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغان، ۋاقىت پەرقى ئۇزۇن بولمىغان.
ئۇ چۈشكە يېقىن شەھەرگە يېتىپ كەلدى.
كۆچمە. ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ياخشى، ئالاقىسى قويۇق، بىر - بىرىگە كۆيۈنىشىدىغان، مېھرىبان.
ئۇلار ئەنۋەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى قىلىشىۋالدى.
مېنىڭ سېنىڭدىن باشقا يېقىنىم يوق، مەن ساڭىلا ئىشىنىمەن.
بېرىش كېلىشتە كەلگەن مىقدارلارغا ۋە ئايرىم سۆزلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ، تەخمىن، پەرەز مەنىسىدە شۇ مىقدار ياكى شۇ ئەھۋالغا تەڭ دېگۈدەك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇ كۈنى مىڭغا يېقىن دۈشمەن چېرىكى ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كەلدى.
كۆچمە. كۆپ پەرقى يوق، ئاساسەن ئوخشاش، ئومۇمەن بىر خىل، باشقىچە ئەمەس.
ئۇلارنىڭ پىكرى بىر - بىرىگە يېقىن.