Chinese→Uyghur主要词典
九月党人
دۇنيا تارىخى
سېنتەبرىستلەر
پورتۇگالىيىنىڭ سول قانات ئاساسىي قانۇنچىلىرى، 1836 - يىلى 9 - ئايدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1834 - يىلى مارىيە Ⅱ پادىشاھلىق تەختىگە رەسمىي چىققاندىن كېيىن،1826 - يىلىدىكى ئاساسىي نىزام كۈچكە ئىگەبولغان. سودا - سانائەت ساھەسىدىكى بۇرژۇئازىيەنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سول قانات ئاساسىي قانۇنچىلار بۇ ئاساسىي نىزامغا نارازى بولغانلىتىن، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئاساسىي نىزامچىلار (ئاساسىي نىزامنى ھىمايە قىلىدىغان ئوڭ قانات ئاساسىي قانۇنچىلار) ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، سېنەبرىستلەر ھۆكۈمىتىنى قۇرغان، 1822 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەمۇرىيەت ۋەئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلغان، قوغدىنىش چېگرا بېجىنى بەلگىلەپ، سانائەتكە مەدەت بەرگەن، قۇل سودىسىنى بىكار قىلغان، كەسپىي ۋە ئوتتۇرا مائارىپ سىستىمىسىنى بەرپا قىلغان. 1838 - يىلى سېنتەبرىستلەر ئاساسىي نىزامچىلارغا يول قويۇپ، 1826 - يىلدىكى ئاساسىي نىزام بىلەن 1822 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن مادار قىلىنغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىققان، شۇنىڭدىن كېيىن بارا -بارا مۇتەئەسسىپلىككە قاراپ ماڭغان. 1842 - يىلى ئاساسىي نىزامچىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. 50 - يىللارنىڭ بېشىدا سابىق سېنتەبرىستلەر تارىخچىلار بولۇپ تەشكىللەنگەن، بىراق ئاساسىي نىزامچىلاردىن تەركىپ تاپقان گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى بىلەن پرىنسىپلىق ئىختىلاپ قالمىغان.