Lughet
词典中文棱状芽孢杆菌
ChineseUyghur主要词典

棱状芽孢杆菌

بىئولوگىيە مۇكىسىمان بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە بىخ سپورىلىق تاياقسىمان باكتېرىيە ئائىلىسىدىكى بىر ئۇرۇقداش بولۇپ، مۇكىسىمان باكتېرىيە ئۇرقدىشى ياكى مۇكىسىمان باكتېرىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ گرام مۇسپىي خۇسۇسىيەتلىك، ئوكسىگېن خالىمايدىغان، بىخ سپورا ھاسىل قىلالايدىغان تاياقچە باكتېرىيە بولۇپ كۆپ ساندىكىلىرىدە ئەتراپتا ئۆسكەن قىل ئاياغلىرىمۇ بولىدۇ. سپورىسى دۈگىلەك ياكى تۇخۇمسىمان بولۇپ، دىئامېترى ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسىنىڭ كەڭلىكىدىن چوڭ بولىدۇ، بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيىلەرنىڭ بىخ سپورىسى ھۈجەيرىنىڭ بىر ئۇچىغا جايلىشىدۇ. ھۈجەيرە تېنى دۇمباق چوكىسى ياكى پالاققا ئوخشاپ قالىدۇ؛ بەزىلىرى ھۈجەيرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلىشىدۇ. ھۈجەيرە تېنى مۇكىغا ئوخشاپ قالىدۇ. مۇكىسىمان بىخ سپورىلىق باكتېرىيە خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيە بولغاچقا، بەزىلىرىنىڭ سېللولوزا ۋە پېكتىن قاتارلىق مۇرەككەپ ئورگانىك ماددىلارنى كۈچلۈك پارچىلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، بەزىلىرى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. تۇپراق، چىللە، دېڭىز سۈيى ياكى تاتلىق سۇدىكى چۆكمىلەرگە ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۈچەي يولىغا كەڭ تارقىلىدۇ. مۇكىسىمان بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە چىرىتىپ ياشايدىغان باكتېرىيە بولۇپ، بەزىلىرى بەلگىلىك شارائىتتا ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، قاتما مۇكىسىمان باكتېرىيىسى جاراھەتلەنگەن ئورۇننىڭ چوڭقۇر قىسىمىغا كىرگەندىن كېيىن ئادەم ۋە بەزى ھايۋانلاردا قاتما كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنولىن مۇكىسىمان باكتېرىيسى بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندا، ئېغىر ھالدىكى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بەزى مۇكىسىمان باكتېرىيىلەر ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جاراھەت ئاغزىدىن كىرىپ يۇقۇملاندۇرغاندا، ئادەملەرگە گازلىق گانگدېنا ۋە ھايۋانلاردا كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ كېتو بۇتانول مۇكىسىمان باكتېرىيىسى سانائەتتە كىتوبۇتانول ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
Rate this entry

相关词

肉毒梭状芽孢杆菌ChineseUyghur双芽孢杆菌ChineseUyghur双芽孢杆菌ChineseUyghur
← 搜索