Uyghur主要词典
تىكال
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئامېرىكا مايا مەدەنىيىتىنىڭ كلاسسىك دەۋرىدىكى شەھەر خارابىسى. گۇاتېمالا شەھىرىنىڭ بەلباغ ئورمانلىقىنىڭ ئىچىدە. دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن 600 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 900-يىلغىچە بولۇپ، 1848-يىلى تېپىلغان، 1956-يىلى قېزىلىشقا باشلىغان. شەھەر دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن يۆنىلىش بويىچە ياسالغان. شەرق ۋە غەرب تەرىپىد 1- ۋە 2-نومۇرلۇق ئىلاھلار ئىبادەتخانىسى، شىمال تەرىپىدىن بىر گۇرۇپپا ساراي بىنالىرى، جەنۇب تەرىپىدە يەنە 3- ۋە 4-نومۇرلۇق ئىلاھلار ئىبادەتخانىسى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 4-نومۇرلۇق ئىلاھلار ئىبادەتخانىسىنىڭ ئېگىزلىكى 65 مېتىر، مايا رايونى بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدە يەنە ئوردا، توپ مەيدانى، تۇرار جايلار، توسما، سۇ كۆلچىكى ئەڭ دەسلەپكى تاش ھەيكەل مىلادىدىن 292 يىل ئىلگىرى، ئەڭ كېيىنكى مىلادى 869-يىلى ئويۇلغان. بەزى پىرامدالارنىڭ ئاستىدا قەبرىستان بار. بۇ شەھەر خارابىسىدىن ھەر خىل سايمانلار، نەزىر - چىراغ بۇيۇملىرى، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى قېزىۋېلىنغان. تىكال ئىلاھلار ئىبادەتخانىسى ئېگىز ۋە تىك ياسىلىپ، ھەشىمەتلىك بېزەلگەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ياسالغان يىلى بىر قەدەر كېيىن بولۇپ، تەخمىنەن مىلادى ⅤⅡ - ⅤⅢ ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ.