English→Uyghur主要词典
Vatican
ئۇنىۋېرسال
ۋاتىكان
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
The Vatican City State
ۋاتىكان
_ پەيغەمبەر يۇرتى
ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان شەھەرلىك دۆلەت، پاپا باشچىلىقىدىكى كاتولىك دىنىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ئورنى، پۈتۈن دۇنيادىكى كاتولىك دىنىنىڭ مەركىزى. ۋاتىكاننىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 0.44 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى تەخمىنەن 1000 غا يېتىدۇ. بۇنىڭ 85% نى ئىتالىيىلىكلەر، قالغان 15% نى شۋېتسىيارىيىلىكلەر بىلەن باشقا دۆلەتتىن كەلگەنلەر ئىگىلەيدۇ. دۆلەت تىلى ئىتالىيە تىلى بىلەن لاتىن تىلى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە 756 - يىلى فرانكى پادىشاھى پېپىن رىم شەھرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 4 رايوننى پاپاغا بەرگەن، كېيىن غەربىي ياۋروپادىكى كاتولىك دىنى مەزھىپىنىڭ سىياسىي پائالىيەت مەركىزىگە ئايلانغان، ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق يەر 40 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن. 1870 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، پاپا ئىگىلىگەن رىم شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار قايتۇرۇۋېلىنغان. 1929 - يىلى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدا <راتلاند شەرتنامىسى> ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئىتالىيە ۋاتىكاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان. ۋاتىكاننىڭ ئۆز پۇلى، پوچتىسى، تېلېگراف ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مۇھاپىزەت قوشۇنى بار. كۆپ دۆلەتلەردە يەر ۋە كاپىتالى ھەم زور مىقداردا ئالتۇن ۋە پېرېۋوت زاپىسى بار. ئۇ، دۇنيادا چوڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئورنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىتالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كاپىتالى نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئىتالىيىنىڭ ئىقتىسادىي تارماقلىرىدا بولۇپمۇ بانكا، تۇراقلىق مۈلۈك جەھەتتىكى تەسىرى بەك چوڭ. ۋاتىكاننىڭ دۇنيادىكى 106 دۆلەت ھەم رايوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بار. ئۇ ب د ت غا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۆزەبتكۈچى ئەۋەتىدۇ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ۋەكىل قاتناشتۇرالايدۇ. ۋاتىكان دېھقانچىلىق، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، زۆرۈر يېمەك - ئىچمەك سانائەت بۇيۇملىرى ئىتالىيىدىن كىرگۈزۈلىدۇ.
ۋاتىكاننىڭ تولۇق نامى <ۋاتىكان شەھەر دۆلىتى> (دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۇستەقىل دۆلەت) بولۇپ، ئىتالىيە رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان. دۆلەت نامى ۋاتىكان ئېدىرلىقى (ئىتالىيانچە نامى ۋاتىكارنو) نىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. ئەيسا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، ۋاتىكان ئىگىزلىكى مۇنەججىملەرنىڭ پائالىيەت سورۇنى بىلەن مەشھۇر بولغان لاتىنچىدا <ۋاتىكان> نىڭ مەنىسى <مۇنەججىم يۇرتى>، <پەيغەمبەر يۇرتى> بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى يەنە Holysee دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى <پاپا ئوردىسى> بولىدۇ. قەدىمكى نامى <ۋاتىكان ئېدىرلىقى> نىڭ سۆز مەنبەسى لاتىن تىلىدىكى <ۋاتچىنوس> (ۋەھى، پال) سۆزىدىن ئېلىنغان. بۈگۈنكى ئىتالىيانچە يەر نامى <ۋاتىكارنو> بىلەن ئىنگلېزچە يەر نامى <ۋاتىكان> <ۋاتىچىنوس> دېگەن قەدىمكى نامىدىن ئۆزگەرگەن، ۋاتىكان خرىستىئان دىنى پاپىسىنىڭ سۇيۇرغال يىرى بولۇپ، مىلادى 756 - يىلى فرانك پادىشاھى پېپىن ئىتالىيىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، پاپىغا ھەدىيە قىلغان، تارىختا <پېپىن ھەدىيىسى> دەپ ئاتالغان زېمىنلارنىڭ بىر قىسمى. 16 - ئەسىرگە كەلگەندە ياۋرۇپادىكى دىن ئىسلاھات ھەرىكىتى پاپىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئىنتايىن زور زەربە بېرىپ، سۇيۇرغال يەرلىرى كۆپ قېتىم ئۆزگەرگەن. 1870 - يىلى ئەسلى پاپىنىڭ سۇيۇرغاللىقىدىكى بارلىق زېمىن بىرلىككە كېلىپ، ئىتالىيە پادىشاھلىقى بولغان. پاپا رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىي بۇرجىكىدىكى ۋاتىكان ئېگىزلىكىگە چىكىنىپ چىققان. 1929 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ۋاتىكان ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پاپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان، شۇ يىلى 7 - ئايدا ۋاتىكان شەھەر دۆلىتى رەسمىي قۇرۇلغان.
ۋاتىكاننىڭ يەر مەيدانى 0.44 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1380 نەپەر. بۇنىڭ 85%ى ئىتالىيىلىك، قالغىنى شۋېتسارىيىلىك ۋە باشقا مۇھاجىرلاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ شەھەر دۆلىتىگە رىم پاپىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، رىم پاپىسى قوشۇمچە نۇرغۇن كاتولىك دىنى دۆلەتلىرىنىڭ باش پوپى ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيان تىلى ۋە لاتىن تىلى ھۆكۈمەت تىلى قىلىنغان.
ۋاتكان - رىم كاتولىك دىني ئالىي ھۆكۈمرانلىق ئورگىنىنىڭ زېمىنى. 1929 - يىلى راتلام ئىتتىپاق ئەھدىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىتالىيىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى رىم كاتولىك دىنى ئالىي ھۆكۈمرانلىق ئورگىنى بىلە بولغان دۈشمەنلىشىش ھالىتىگە خاتىمە بەرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. شۇنڭدىن باشلاپ ئۇ ئىتالىيە چېگىرسى ئىچىدىكى ئېتراپ قىلىنغان مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلانغان. ۋاتكان دۆلەت بايرىقى كاتولىك دىنىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ئورگىنىدىن ئىبارەت قەدىمكى ئوسلۇبقا ئىگە. ھازىرقى دۆلەت بايرىقى 1825 - يىلى لېئو 12 - ئەسىرنىڭ تەكشۈرلۈشى ئارقىلىق بېكىتىلگەن. بايراقتىكى سېرىق رەڭ بىلەن ئاق رەڭ 1808 - يىلى فېۋرالدىن بويان ۋاتكان ئەسكەرلىرى ئىشلەتكەن ياقا بەلگىسىنىڭ رەڭگى ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رىۋايەتتە ئېيتىلغان ئىيسانىڭ 12 مۇرىتىنىڭ بىرى بولغان پېتىرنىڭ ئىككى ئاچقۇچىنىڭ رەڭگىمۇ مۇشۇ ئىككى خىل رەڭدىكى ئاچقۇچ ئىكەن؛ ئوڭ تەرەپتىكى ئاق ئورۇنغا سىزىلغان پاۋل Ⅵ نىڭ خانلىق بەلگىسى يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە دىننىڭ سىمۋولى بولغان.
دۆلەت گېربى ئارقا كۆرۈنۈشى قىزىل پاپا پاۋل Ⅵ نىڭ خانلىق بەلگىسىدۇر. قىزىل رەڭ كىشىنى ئۇنىڭ كاتولىك دىنى چېركاۋىدىكى ئەك چاقناق تۈسكە ئىگە رەڭ بولغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. گئوۋگنى باتستا مۇرتىنىي 1963 يىلى پاپالىققا، يەنى پاپا پاۋل Ⅵ بولغان. ئۇنىڭ خانلىق بەلگىسى رىم پاپاسىنىڭ ئۈچ قاتلىق تاجىسى باش روھاننىڭ تاجىسى بىلەن دىنىدىن خالىي خان تاجىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدن ھاسىل بولغان. رىم پاپاسى ئۆزىنى خرىستوسنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋەكىلى دەپ قارايدۇ، پاپا ھەم ۋاتكاننىڭ بېشى ھېسابلىندۇ، ئۈچ قاتلىق تاج پاپانىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە مۇمۇرىي ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئەڭ ئالىي ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. ئۇ ئىككى ئاچقۇچ خرستوس تەرىپىدىن پېتىرغا تاپشۇۇرلغان بولۇپ، < ئىجىل > نىڭ بىرنچى تومىدىكى < جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنى ساڭ بەرمەكچىمەن. بۇ ئالەمدە باغلغاننى جەننەتتىمۇ باغلا، بۇ ئالەمدە قويۇۋەتكەننى جەننەتمۇ قويۇۋەت > دېگەن سۆزمۇ يېزىلغان.