Uyghur主要词典
تاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
سەھەر، سۈبھى، بامدات.
تاڭ ئاتماق، تاڭ سۈزۈلمەك، تاڭ يورۇماق.* تاڭ ئاشۇرماق.* تاڭ نۇرى، تاڭ يۇلتۇزى، تاڭ قاراڭغۇسى.* توخۇ چىللىمىسىمۇ تاڭ ئاتىدۇ.* تاڭ ئاتمايدىغان كېچە يوق، ياغ چىقمايدىغان قىچا ( ماقال ).* ھەر كۈننىڭ ئۆز ئىشى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تاڭماق، تېڭىش. يۆگەپ، ئوراپ، چىگمەك، باغلىماق.
يۈك _ تاقلارنى تېڭىپ تەييار قىلىپ قويدۇق.* ۋاقتىدا تاڭمىغان يارا يىرىڭدايدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىملىق
« تاڭەي »، دەپمۇ كېلىدۇ، كۆپىنچە دىئالوگلاردا ئۇچرايدۇ. « بىلمەيمەن، ئۇقمايمەن » دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
_ ئاتاڭ نەگە كەتتى؟
_ تاڭ.
_ ئىشقا بارمىدىمۇ؟
_ تاڭەي.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش
( « قالماق، كۆرمەك، سۆزلىمەك » لەر بىلەن پېئىللىنىدۇ ). ھەيران بولماق، ئەجەبلەنمەك.
كۆرۈنگەنگە تاڭ قالساڭ، كۆپچىلىك ساڭا تاڭ قالىدۇ ( ماقال ).* تاڭ كۆرگەنگە تاڭ يوق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز
( « تاڭ _ تۇڭ » بولۇپ، تەكرارلىنىپمۇ، « تاڭ _ تۇڭ » دەپ ئومۇملاشتۇرۇپمۇ كېلىدۇ. « قىلىپ » بىلەن پېئىللىشىدۇ ). قاتتىق جىسملارنىڭ بىر _ بىرىگە سوقۇلۇشى، ئۇرۇلۇشى ۋە مىلتىقنىڭ ئېتىلىشدىن چىققان ئاۋاز.
« تاڭ » قىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى.* ئىشىككە « تاڭ » قىلىپ بىر نەرسە تەگكەندەك قىلىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جاۋاب: بىلمەيمەن، ئۇقمايمەن.
_ ئەمەت كەلدىمۇ؟
_ تاڭ.
_ سەمەت كېلەرمۇ؟
_تاڭەي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈن يۇرۇشقا باشلىغان چاغ.
ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى بار. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. ئەتىگەن تۇرغان ئەلدىن ئۇزار. ئەسلەيمەن سېنى يارىم، سۈبھى - شام ھەرقاچان. بامدات نامىزىغا ئەزان چىقتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۈتۈن - كېچە بويىچە.
كېچىچە كىرپىك قاقمىدىم. تۈن بويى ئۇخلىماي چىقتىم. تاڭ ئاتقۇچە ئىشلىدۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلار، بەگ - خوجاملار تۇرىدىغان ئالىپتە بىنالار.
گۇگۇڭ ئوردىسى: ئاق ئوردا. خاننىڭ ئوردىسى - ھەرىنىڭ ئۇۋىسى. مۇھەببەت ئاددىي ئۆينى ئوردا قىلار. قىزىل ساراي. قىشلىقى قايان باراي، يازلىقى ساراي سالاي. قارشى ئەھلى بىر - بىرىگە قارشىدۇر. <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> تە تەسۋىرلەنگەن <داگۇەنيۈن> قەسىرى فېئوداللارنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن يورۇغان بىردەملىك ۋاقىت.
كەچ، كەچقۇرۇن، زاۋال، گۇگۇم، شام، ئاخشام
كۈن پېتىش ئالدىدىكى بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن ئوڭمىغان، كەچ ئوڭماس. كەچتىكى چايغا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار. تاڭنىڭ ئېتىشى توخۇنىڭ چىللىشىدىن ئەمەس. تاڭ - شۇ كۈننىڭ ياشلىق ھۆسنى، كەچ - شۇ كۈننىڭ قېرىلىق چېغى. ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى. سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قۇرسىقى توق. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. يارىمنى سۈبھى - شام ياد ئېتىمەن. زاۋال بولدى، گۇگۇم چۈشتى، كۈندۈز تۈگىدى. ئاخشام كۆردۈم، بامدات ۋاقتىدا تۇر، سالامەت بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەگلەك.
(تولدۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).
ئارغۇچە.
3 - 485
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاڭسۇق، تاڭ قالارلىق، ئاجايىپ.
تاڭ نەڭ _ ئاجايىپ نەرسە. « تاڭ كۆردۈم _ تاڭ كۆردۈم، تاڭ قالارلىق نەرسە كۆردۈم» دېگەن ئىبارە مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 485
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاڭ، سەھەر ۋاقتى.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تاڭ ئاتا يورتالىم
بۇزرۇچ قانىن ئىرتەلىم
باسمىل بەگىن ئۆرتەلىم
ئەمدى يىگىت يەۋۈلسۈن
«تاڭ ئاتقاندا ماڭايلى،
بۇزرۇچ قېنىنى ئىستەيلى،
باسمىل بېگىنى ئۆرتەيلى،
ئەمدى يىگىت (لەر) توپلانسۇن.»
تاڭ ئېتىشى بىلەن يولغا چىقايلى، بۇزۇچ (بۇ ياباقۇلاردىن بىر كىشى بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى) نىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلايلى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆچ ئالايلى؛ باسمىللارنىڭ بېگىنى كۆيدۈرەيلى، ئەمدى يىگىتلەر توپلانسۇن. تاڭ ئاتتى _ تاڭ ئاتتى.
3 - 485
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
خارابە.
قەدىمكى زاماندىكى بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ تۈگەپ، قېلىپ قالغان ھۇلى. مەسىلەن: قەدىمكى خارابىلەرنىڭ ئىزى بار دۆڭلۈكلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار.
3 - 487
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەيران بولماق، تاڭ قالماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر ئۈلۈش
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ساراي
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تاتلىق؛ مەززىلىك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئىسكىلات، ئامبار؛ ساقلانغان ئاشلىق؛ خەزىنە
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تاك (tang) - قەدىمكى خوتەن ساك تىلىدىكى thamga دىن كەلگەن ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە پاختا، يۇڭ تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان بولسا كېرەك. چۈنكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە <تۆت تاڭ پاختىنى ئۆسۈمگە ئالدىم، كۈزنىڭ باشلىرىدا يەتتە تاڭ پاختىنى تولۇق بېرىمەن> دېگەن سۆز بار. قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <ئون تاڭ پاختا> دېگەن ئىبارە بار.
فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، <تاڭ> خەنزۇ تىلىدىكى (担) دىن كەلگەن ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان. ئۇنىڭ كونكرېتنى قىممىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچىمىدە بىر دەن ( 担 100 جىڭ ياكى 50 كىلوگرامغا؛ بىر سېنتنېر ) 公担( 100 كىلوگرامغا تەڭ بولغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۈن چىقىشنىڭ ئالدىدىكى پەيت، سۈبھى، سەھەر.
تاڭ ئاتماق. تاڭ يورۇماق.
كۆچمە. بىرەر نەرسە ياكى ئىشنىڭ باشلىنىش پەيتى، دەسلەپكى دەۋر.
ئازادلىق تېڭى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
جۈملىدە <بىلمەيمەن، خەۋرىم يوق> دېگەندەك ئېنىقسىزلىق جاۋاب ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنى ئالىم ئاكىسىنىڭ ئاۋازى ئويغىتىۋەتمىگىنىدە، يەنە قاچانغىچە ئۇخلار ئىدىكىن - تاڭ؟! * - مەجلىس قاچان ئېچىلىدىكەن؟ - تاڭ، خەۋرىم يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
<قالماق> ياردەمچى پېئىلى بىلەن كېلىپ بىرەر نەرسىگە قاتتىق ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنى كۆرۈپ ھەممىمىز تاڭ قالدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇشى، سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
كۈنچىقىشتىن ئىلگىرىكى يورۇق چاغ، شەپەق ۋاقتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈنچىقىشتىن ئىلگىرىكى شەپەق قىزارغان ۋاقىت. ئاسمان سۈرۈلگەن ۋاقىت.