—参考资料
سىناق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. ئوغلى ئاق - قارىنى پەرق ئەتكىدەك بولغاندا، ئوقۇپ ئادەم بولسۇن، دەپ ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. لېكىن بالا ئوبدان ئوقۇماپتۇ. ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئاتا بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ، ئىشنىڭ يولىنى بىلىۋالسۇن دەپ، ھۈنەرگە بەرمەكچى بوپتۇ. قايسى ھۈنەرگە بېرىش، كىمگە بېرىش كېرەك؟ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ بالىنى ئاخىرى يىراق شەھەردە تۇرىدىغان بىر ياغاچچى ئاغىنىسىگە شاگىرتلىققا بەرمەكچى بوپتۇ. بىر كۈنى بۇ ئادەم بالىسىنى ئېلىپ ياغاچچى ئاغىنىسىنىڭىگە كەپتۇ ۋە:
- بۇرادىرىم، بالامنى ساڭا تاپشۇرىمەن. ھۈ نەرنى ئوبدان ئۆگىتىپ، ياراملىق ئادەم قىلىپ قويغىن، - دەپتۇ.
- مەن قەدىناس ئاغىنەڭ تۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشنى قىلالمايمەنمۇ؟! خاتىرجەم بولغىن، ئۆز بالامدەك كۆرۈپ ھۈنەر ئۆگىتىمەن! - دەپ بالىنى ئېلىپ قاپتۇ ياغاچچى.
- ئوغلۇم، ھۆنەرنى قاچانلا بولمىسۇن ئۈگىنىۋالالايسەن، بىر نەچچە كۈن ئارام ئالغىن، شەھىرىمىزنى سەيلە قىل، پۇل - پۇچەك لازىم بولسا تارتىنماي سورىغىن، - دەپتۇ.
- شۇ كۈندىن باشلاپ ياغاچچى بالىغا ئۆزى يىمىگەن تائاملارنى يىگۈزۈپ، كىيمىگەن كىيىملەرنى كىيگۈزۈپتۇ. ھېچقانداق ئىشقا سالماپتۇ، بالىنى ئويۇن - تاماشىغا قويۇپ بېرىپتۇ. ھايت - ھۇيت دېگىچە ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى بالا:
ئۆيۈمگە بېرىپ ئاتا - ئانامنى يۇقلاپ كېلەي، - دەپتۇ.
- شۇنداق قىل بالام، - دەپتۇ ئۇستىسى ۋە سوۋغا - سالاملار بىلە يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
بالا ئۆيگە كەپتۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، تاماق يەپ ئولتۇرۇپ، دادىسى ئۇنىڭدىن ھۈنەرنى قانچىلىك ئۆگەنگەنلىكىنى سوراپتۇ. بالا ھۈنەر ھەققىدە ئانچە گەپ قىلماي، يىگەن - ئىچكەن، ئوينىغانلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن دادىسىنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپ، ئۇنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ - دە، تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن:
- بالام، داستىخاندىكى ئاۋۇ پارچە نانلارنى تۆكۈۋەت، - دەپتۇ. بالا گەپ - سۆز قىلمايلا پارچە نانلارنى تالاغا تۆكۈۋېتىپ كىرىپتۇ.
دادىسى >ھەي... بۇ تېخى ئەمگەكچىنىڭ، ناننىڭ قەدرىنى بىلمەپتۇ، ئاغىنەم ئۇنى ياخشى تەربىيلىيەلمەپتۇ. باشقا بىرسىگە ھۆنەرگە بېرەي< دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي بالىنى باشقا بىر شەھەردە تۇرىدىغان تۆمۈرچى ئاغىنىسىنىڭكىگە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. تۆمۈرچىمۇ خۇددى ياغاچچى ئويلىغاندەك ئويلاپ بالىنى ئوبدان كۆتۈپتۇ. ھېچقانداق ئىشقا سالماپتۇ. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بالا يەنە ئاتا - ئانىسىنى يۇقلاپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. بالا ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، دادىسى ئوغلىنى ئاۋالقىدەكلا سىناپ بېقىپتۇ. ئەھۋال ئوخشاشلا بوپتۇ. >ھە، ھەر ئىككى ئاغىنەم بالا تەربىيلەشنى ئۇقمايدىكەن، - دەپ ئويلاپتۇ بۇ ئادەم، - ئەمدى يېزىدىكى دېھقان ئاغىنەمگە تۇتۇپ بېرەي، بالامغا دېھقانچىلىقنى ئۆگەتسۇن<. ئۇ بالىسىنى يېزىدىكى دېھقان ئاغىنىسىگە ئاپىرىپ بېرىپتۇ.
دېھقان بالىنى ئېلىپ قېلىپ، ئەتىسى سەھەردە ئويغىتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:
- تۇر بالام، دېھقان دېگەن ھەرگىز كۈن چىققۇچە ئۇخلاپ ياتمايدۇ، چاي ۋاقتىغىچە بىر ئاز ئىشلىۋالايلى، - دەپتۇ.
بالا چاي ۋاقتىغىچە ئىشلەپ، قۇرسىقى ئېچىپ، ئۆيگە ئارانلا ئۈلگۈرۈپتۇ. قارىسا داستىخاندا ساپلا زاغرا نان تۇرۇپتۇ.
- قېنى بالام، چۈشكىچە قوسىغىڭ ئېچىپ قالىدۇ، قوسىقىڭنى تويغۇزۇۋال، - دەپتۇ دېھقان.
- مەن زاغرا نان يەپ باقمىغان، بۇغداي نېنىڭىز يوقمۇ؟ - دەپتۇ بالا.
- يەپ باقمىغان بولساڭ، ئەمدى يېيىشنى ئۆگىنىسەن، - دەپتۇ دېھقان، - قېنى، جىق - جىق يە. بۇغداي ناننى خۇدايىم بۇيرۇسا پىشقاندا يەيمىز.
بالا ئىلاجىسىز يەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، دېھقان بالىنى ئاغىنەمنىڭ بالىسى دەپ ئەتىۋارلىماي، ئالدى بىلەن ئۇنى تاماق تاللىمايدىغان، جاپالىق ئىشلەپ، ئاددى - ساددا ياشايدىغان قىلىپ چىقىپتۇ. ئۆزى نېمىنى يىسە، بالىغىمۇ شۇنى بېرىپتۇ. كۈن چىقماستا ئىشقا ئېلىپ چىقىپ، كۈن پاتقاندا ياندۇرۇپ كىرىپتۇ. بالا ئاخىرى تېرىقچىلىقتىن تارتىپ يىغىمغىچە بولغان ھەممە ئىشنى ئۆگىنىۋاپتۇ.
ئۈچىنچى يىلى كۈزدە دېھقان بالىغا بىر قۇر يېڭى كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ:
- بۇ كىيىملەر سەن تېرىغان ئاشلىقنىڭ پۇلىغا كەلدى. بۇ ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى. ئەمدى ئۆيۈڭگە بېرىپ، ئاتا - ئاناڭنى كۆرۈپ كەلگىن، - دەپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
بالا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادىسى ئاۋالقىدەكلا ئۇنى سىناپ:
- بالام، ماۋۇ پارچە نانلارنى تاشلىۋەتكىن، - دەپتۇ غىزادىن كېيىن.
- نېمە دەۋاتىسەن دادا؟ - دەپتۇ بالا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، - بۇ ئاپپاق بۇغداي ناننى نېمە دەپ تۆكۈۋېتەتتۇق، كېيىن يەيمىز.
- ئۆتكەن قېتىمدا گەپ قىلماي تۆكۈۋەتكەن ئىدىڭغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ دادىسى كۈلۈپ.
- ئۇ چاغدا مەن بىكار نان يەپ يۈرگەچكە، ئەمگەكنىڭ، ناننىڭ قەدرىنى بىلەپتىكەنمەن. بىز يەۋاتقان نان، كىيىۋالغان كيىم - كېچەكلەر نۇرغۇن تەرنىڭ بەدىلىگە كېلىدىكەن دادا، مەن ئاتا - ئانىلارنىڭ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدرىگە ئەمدى يەتتىم.
- بارىكاللا ئوغلۇم! - دەپتۇ دادىسى سۆيۈنۈپ، - ئەمدى ھەقىقىي ئادەم بوپسەن.
بالا كېيىن يەنە يېزىغا قايتىپ كېتىپتۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە دىھقانچىلىق قىلىپ ياشاپتۇ.