Uyghur主要词典
قاپقا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قاپقا، قوۋۇق، دەرۋازا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەتراپى توسۇق جاينىڭ كىرىپ - چىقىشقا ئالاھىدە قالدۇرۇلغان ئوچۇقلۇق.
<ئىشىك> ئومۇمىي نام، ئاساسەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۆرسىتىدۇ.
دەرۋازا ھويلا - قورۇنىڭ ئىشىكى.
<قاپقا>، <قوۋۇق> شەھەرنىڭ دەرۋازىسى.
<دەرۋەڭ> خوتەن دىئالېكتىدا <ئىشىك>.
<جولوقوق>.
ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ سوراپ كىر. قەدىرلىك مېھمانغا ئىشىك ئوچۇق. ئوغۇل ئوچاققا قارايدۇ، قىز دەرۋازا مارايدۇ. ھەممە قاپقىنى ئەتكىلى بولار، ئۆلۈم قاپقىسىنى ئەتكىلى بولماس. قوۋۇق چىڭ بولسا، شەھەر ئامان بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرۋازا.
قاپقا باقار.
ئۇ ئىككى ئاتلىق چوڭ ھويلا قاپقىسى ئالدىدا ئاتتىن چۈشتى.
قاپقاق.
ھازىر ھېسامىدىن داموللا قازناق ئۆيىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەۋەرەزنىڭ قاپقىسىغا چىلان ياغىچىدىن ئىشلەنگەن ھاسىسىنى <توك، توك> ئۇرۇپ مەيدە يانچۇقىدىن ياپىلاق ئالتۇن سائىتىنى قولىغا ئالدى.
توما، چۈشۈرگە ۋە باشلام ئېغىزلىرىدا سۇنىڭ ئاز - كۆپ ئېقىشىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ، سېمونت قاتارلىقلاردىن مەخسۇس ياسالغان قۇرۇلما؛ تاقاق.
بوۋاي كىچىك چاقپەلەككە چۈشۈرگە قاپقىسىنى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، چۈشۈرگىنى تۈگمەن ئىچىدىلا تۇرۇپ باشقۇرۇپ، تۈگمەن ھەرىكىتىنى خالىغىنىچە ئىدارە قىلاتتى.