Uyghur主要词典
تۇرماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئولتۇرغان، ياتقان ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۆرە بولماق.
ياتماق
پۇت - قولىنى سوزۇپ تۆشەككە ئورۇنلاشماق.
ئوڭدا ياتقان ئابدۇغۇپۇر، ئاش يەڭ دېسە چاپسان قوپۇر. كەچ يات، سەھەر تۇر. يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كىيىمى يېلىڭنىڭ تۇرغۇسى. ياتقان نان يوق، قوپقانغا ئالۋان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قارار تاپماق، ئورۇنلىشىپ قالماق، قەدەمنى توختاتماق.
يۈرمەك، ماڭماق
قەدەم تاشلىماق، ئالغا باسماق، ئىلگىرىلىمەك.
ئىتتىك يۈرگەن قىر ئاشار، ئاستا يۈرگەن تاغ. ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ. تۇرغانلارغا تۈۋرۈك بول، ماڭغانلارغا كۆۋرۈك (بول). تۇرغانلار تۇرۇپ تۇرسۇن، ماڭغانلارنى يەيلى. ئىت كاللىسى تەخسىدە تۇرماس. قاتناش توختىدى. بال مېڭىشنى يىقىلىشتىن ئۆگىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئورنىدىن تۇرماق، كۆتۈرۈلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئايىغىغا تايىنىپ تىك ھالەتتە بولماق.
تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى (ماقال).
ھەرىكەتتىن توختاپ قالماق.
شۇنداق تېز كېلىۋاتقان رۇستەم كۆل بويىدىكى ئاينىسانى كۆرۈپلا تۇرۇپ قالدى.
ياتقان، ئولتۇرغان جايىدىن قوزغىلىپ تىك بولماق، قوپماق.
ئىشىكنى چەكمەيلا ئۆيىگە بىرى كىرىپ كەلگەندىن كېيىنلا، ئۇ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى.
كۆچمە. ئويغانماق، ئۇيقۇدىن قوپماق.
ئەتىسى مەن سىگنال چېلىشتىن بۇرۇنراق تۇردۇم. قارىسام، تۇرسۇن بىلەن مۇئاۋىن بەنجاڭ ئورنىدا يوق ئىدى.
بىرەر ۋەزىيەت، ھالەت، مەۋقەنى ئىگىلىمەك.
ئامما تەرەپتە تۇرماق. ئىلغارلار قاتارىدا تۇرماق.
جايلاشماق، ئورۇنلاشماق.
كىتاب جوزا ئۈستىدە تۇراتتى.
بىرەر ئورۇن، بىرەر جاينى ماكان تۇتۇپ ياشىماق، تۇرمۇش كەچۈرمەك.
بۇ، بۇرۇن بىز تۇرغان مەھەللە.
مەلۇم ھالەتتە كۆرۈنمەك.
مەتباقى يېتىپ كەلگەندە، ئىشىكلەر داغدام ئېچىقلىق تۇراتتى.
قالماق، ساقلانماق.
ئۇ كەلگەن كۈنى ماگىزىن ۋە ئامباردا تۇرۇپ كەتكەن دۆۋە - دۆۋە كىتابلارنى كۆردى.
كۈتمەك، ساقلىماق.
بىر ئاز تۇرايلى، ماگىزىن ئېچىلىپ قالار.
ياشىماق، تۇرمۇش كەچۈرمەك.
ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.
تىرىك قالماق، ئۆمۈر كۆرمەك.
ئانام رەھمىتى 14 پەرزەنت كۆرگەنىدى، لېكىن تۇرغىنى بىز تۆتىمىز ئىكەنمىز.
ئۆزگەرمەي، تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئۆز ھالىتى ۋە ئەسلىنى ساقلىماق.
جۇماتاي ئۆز پىكرىدە قاتتىق تۇرۇۋالدى.
بۇزۇلماق، ئۆزگەرمەي ساقلانماق.
پەيزىۋاتنىڭ قارىكۆسەي قوغۇنى قىش ۋە ئەتىيازدا بۇزۇلماي، خېلى ئۇزۇن تۇرىدۇ.
كەپلەشمەك، كىرمەي ياكى چىقماي، مەلۇم بىر جايدا توختاپ قالماق.
گالدا نان تۇرسا، سۇغا يۈگۈر، گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر (ماقال).
مەلۇم ھالەتنى ساقلىماق، داۋاملاشتۇرماق.
جىم تۇرماق.
ئۆزىنى مەلۇم بىر نەرسە تەرەپتە قويۇشنى ياكى بىر ئىشنى قىلىشنى تاللىماق.
سەن ياكى بېرىشقا تۇر، ياك قېلىشقا تۇر.
مەۋجۇت بولماق، بار بولماق؛ ئۇچرىماق.
گۈلخاننىڭ ئالىقىنىدا ئۆزى ئۆزىگە تونۇش بولغان ئىككى نەرسە تۇراتتى.
تۇتماق، چۈشۈپ كەتمەي چاپلىشىپ قالماق.
قارىمامدىلا ھەدە، ماۋۇ نان تونۇردا ھېچ تۇرمايدۇغۇ - تاڭ!
<ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تۈگۈل> دېگەن ئىنكار مەنىسىدە يۈكلىمە رولىدا كېلىدۇ.
بىراق ئابدۇللانىڭ ئۆيى تۇرماق، پاناھلانغۇدەك بىرەر يېرىمۇ يوق.
تۇرغۇن سۆز ياكى تۇرغۇن سۆز بىرىكمىلىرىگە قوشۇلۇپ، باغلامچىلىق رول ئارتقۇرىدۇ ۋە تۇرغۇن سۆز ياكى تۇرغۇن سۆز بىرىكمىسى ئىپادىلىگەن پاكىتنىڭ مەلۇم ئىشقا قارشى ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
قار ياغقان تۇرسا، ئوت قالىمىسا قانداق بولىدۇ؟
< - غىلى، - قىلى، - گىلى، - كىلى> بىلەن ئىپادىلەنگەن رەۋىشداش شەكلىگە قوشۇلۇپ، پېئىلنىڭ باشلانما تۈسىنى ياسايدۇ.
جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان كىتابلار ئوتتا كۆيگىلى تۇردى.
رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ، تۈس ياردەمچىسى رولىدا تۆۋەندىكى مەنىلەردە كېلىدۇ: 1( ھەرىكەتنىڭ دائىم تەكرارلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ بىزنىڭكىگە كېلىپ تۇرىدۇ. ئۇنتۇپ قالماي خەت يېزىپ تۇرىدۇ.
2) ھەرىكەتنىڭ ۋاقىتلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
خانقىز ئانا ئادىل سۇنغان قاچىنى ئەمدىلا قولىغا ئېلىپ تۇرۇشىغا، مەكتەپنىڭ ئىشچىسى مەترېھىم باغۋەن ياتاققا كىرىپ كەلدى.
3( <... دەپ> رەۋىشدىشى بىلەن قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش ھەرىكەتنىڭ تەييارلىق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھارۋا ياللاي دېسەم، ھېچ يەردە ھارۋا يوق سىزنىڭكىنى ئالساممىكىن دەپ تۇرۇپتىكەن.
<... دەك> بىلەن كەلگەن سۈپەتداشقا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش ھەرىكەتنىڭ ئورۇنداش ھالىتىدىن دېرەك بېرىدىغان بىرەر ئالامەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇلار قايتىپ كەلگەندەك تۇرىدۇ، قاراپ باقايلى.
رەۋىشداش شەكلىدە ئالدىدىكى رەۋىشداشقا قوشۇلۇپ، ھەرىكەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇماق.
مېڭىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇش زىيانلىق.
بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ، ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
قارشى تۇرماق. تاقابىل تۇرماق.
سۈپەتداش شەكلىدە ئورۇن كېلىشتە كېلىپ <بار بولماق، مەۋجۇت بولماق> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
ئاش تۇرغاندا، ناننىڭ نېمە ھاجىتى.
ماشىنا تۇرغىنىدا پىيادە يۈرىمىزمۇ؟
Ⅱ شەخس بىرلىك سان بۇيرۇق مەيل شەكلىدە كېلىپ <كەت> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
تولا ئاۋارە قىلماي، نېرى تۇرە!