Uyghur主要词典
قات
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . تاش، يان، تەرەپ.
يولنىڭ ئىككى قېتىغا قاتار - قاتار دەرەخلەر تىكىلەندى. * ئۇ دەريانىڭ ئۇ قېتىدىن كەپتۇ.
2 . قەۋەت، قاتلام. ئېتىز ئۈستىدىن بىر قات توپا ئېلىۋەتتۇق. * ئىككى قات يىپ. * قات - قات قاتلاڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قتماق، قېتىش. 1 . قاتتىق ھالەتكە كەلمەك.
كۆلدە بىر قەۋەت مۇز قېتىپتۇ.
2 . قاتتىق بولۇپ قالماق. نان قېتىپ قاپتۇ. ئىككى پۇتۇم سوغۇقتىن قېتىپ قالدى.
3 . قوشما. مۈشۈكنى ھارۋىغا قاتساڭ، كاتنىڭ ئاستىغا سۆرەيدۇ (ماقال) . * ئاتنى ھارۋىغا قاتماق.
4 . كۆپەيتمەك، جىقلىماق، قوشماق، ئارىلاشتۇرماق. كىمكى سۈتكە سۇ قاتار، ۋارقىرىپ يۈرۈپ ساتار. * ئىسپىرتقا سۇ قاتماق. * مەن ئۇنىڭ سۆزىگە سۆز قاتتىم. * ئاق ئۇنغا قوناق ئۇنىنى قاتماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ بىرى.
دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى، شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. ئەل قايان، سەن شۇ يان. ھەرقانداق يامان ئىشنىڭ ياخشى يېقى چىقار. ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ئىككى يىقى بولىدۇ. ئۇ قاتتىكىنى بىلەي دېسەڭ دەريادىن ئۆت. نوتلىقىدا باغۋەن دەرەخنى ئېگىپ قويىدۇ خالىغان تامان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قات، قەۋەت.
تون قاتى _ تون قېتى، قەۋىتى. تاغ قاتلاملىرىنى « قادراق» دېيىشمۇ شۇنىڭدىن كەلگەن.
1 - 420
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قات، قاش، يان.
بەگ قاتىندا _ بەگ قېشىدا، بەگ يېنىدا.
1 - 420
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قات.
(يازما نۇسخىدا بۇ سۆز «»شەكلىدە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يەردىكى سۆزلەرنىڭ كېلىش تەرتىپى ۋە بۇ سۆزنىڭ مىسالدىكى شەكلىگە ئاساسەن «قات» دەپ ئالدۇق.) ھەممە تىكەنلىك دەرەخلەردە بولىدىغان مېۋە. ئافىلغۇ قاتى _ قۇرۇم (بۇ چىنارغا ئوخشاش ئۆسىدىغان، تىكەنلىك، مېۋىسى بار بىر خىل دەرەخ.) دەرىخىنىڭ مېۋىسى. سىنچغان قاتى _ قاراقات ياكى قىزىلقات. ئۇنى سىقىپ قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن رەڭ بېرىش ئۈچۈن تۇتماچقا قوشىدۇ. يەمەك، قىپچاق، قاي، تاتار، چومۇل قەبىلىلىرىنىڭ تىلىدا ھەر قانداق دەرەخ مېۋىسى «قات» دېيىلىدۇ.
3 - 200
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قېتىم؛ قاتلام
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل ھايۋان
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قوشۇلماق، ئۇچراشماق، بىرلەشمەك، قاتتىق يول باسماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قەۋەت - قەۋەت ياكى قاتلام - قاتلام نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قەۋىتى، قاتلىمى.
كىتابنىڭ قېتى. يەرنىڭ قېتى.
ئى. قاتار، سەپ، ئارا.
ھەمكارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. قېتىمىزدا بىللە ئېلىپ كېتەيلى دېيشتۇق.
ئى. چەت، ياقا تەرەپ، قىرغاق.
يولنىڭ ئىككى قېتى.
سۈپ. قاتلام، قەۋەتلەرگە بۆلۈنگەن، قەۋەتلىك.
قات بۇلۇت. قات گۈل. قات ئۆيكە.
سۈپ. كۆچمە. كۆپ، زىيادە؛ قەۋەت - قەۋەت.
ئۆزۈڭ كەتكىن پات يىگىت، ياشا شۇندا شات يىگىت. قېنىپ يارىڭ ۋەسلىگە، بولسۇن بەختىڭ قات يىگىت.
ئى.
ئېشىلگەن ياكى بىرىكتۈرۈلگەن يىپ ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر تېلى.
ئۈچ قات يىپ. ئىككى قات سىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
دىئال. مەررە، قېتىم.