Uyghur主要词典
ئوچۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
يېپىلمىغان، پۈركەنمىگەن، ئېتىلمىگەن، قاپلانمىغان، ئورالمىغان : ئاشكارا. ئانتونىمى: يوشۇرۇن، يېپىق، ئېتىك.
ئىشىك ئوچۇق. * ئۆي ئوچۇق، ئوچۇق خەت. * كۆزى ئوچۇق كەتمەك. * ئالدى ئوچۇق.* كۆزى ئوچۇق كەتمەك. * ئالدى ئوچۇق. * ئوچۇق ئېغىز ئاچ قالماس (ماقال). * ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ سوراپ كىر (ماقال). * ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئېنىق، روشەن، يورۇق، سۈزۈك. ئانتونىمى: سۇس، قاراڭغۇ، تۇتۇق.
كۈن ئوچۇق. * ھاۋا ئوچۇق. * ئوچۇق بەلگىلىمە. * رەڭگى ئوچۇق. * كۆڭلى ئوچۇق.* گېپى ئوچۇق. * خەتنى ئوچۇق يازماق. * گەپنى ئوچۇق قىلماق. * ئوچۇق چىراي - قايناق چاي (ماقال). * دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان، يوشۇرۇن ئەمەس.
ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق. قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا، ھويت - ھويت. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ياخشى. كېسىلىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەممىگە مەلۇم، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرغان.
يوشۇرۇن، پىنھان، مەخپىي، خۇپىيانە، يەڭ ئىچىدە
باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرمايدىغان.
ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. ئاشكارا ئىشقا پايلاقچى كەتمەيدۇ. ئۆشكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھايت - ھۇيت. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ياخشى. ئوچۇق - ئاشكارا بول. يوشۇرۇن قىلغان ياخشىلىق ئاشكارا يانار. مۇھەببەتنى پىنھان تۇت. مەخپىي ئىش ئاشكارا بولسا، زىيان چوڭ بولىدۇ. دوستۇڭدىن سىرىڭنى خۇپىيانە تۇتما. ئۇ ئىشنى يەڭ ئىچىدە پۈتتۈردۇق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوچاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تەرەپلىرى ھېچ نەرسە بىلەن توسۇلمىغان.
ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئوچۇق يەرگە ھەرخىل گۈللەر تېرىلغانىدى.
سۈپ. ئۈستى يېپىلمىغان ياكى كۆپ قىسمى يېپىلماي قالغان.
ئالماس ئوچۇق سەيناغا چىققاندا، ئۇلار ئالماسنىڭ ئارقىسىدا ئىدى.
سۈپ. يېپىلمىغان، ئېتىلمىگەن ياكى تاقالمىغان، قۇلاپلانمىغان، قاناتلىرى ئېچىۋېتىلگەن.
ئايروپىلاننىڭ ئىشىكى تېخى ئوچۇق تۇراتتى.
دەم ئاپتۇ قاراۋۇللىرى، ئوچۇق قاپتۇ ئۆي - ھۇجرىلىرى.
سۈپ. يالىڭاچ، ئەت - تېرىلىرى كۆرۈنۈپ قالغان.
ئوچۇق بەدەن.
سۈپ . تۈز، راۋان، توسالغۇسىز.
دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق (ماقال).
سۈپ. يۇمۇلمىغان، يېپىلمىغان (كۆز، ئېغىز قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئوچۇق ئېغىز ئاچ ئۆلمەس (ماقال).
ئۇنىڭ كۆزى تېخىچە ئوچۇق تۇراتتى.
سۈپ. سۈزۈك، بۇلۇتسىز، بۇلۇت ياكى چاڭ - توزانلاردىن خالىي.
تاشۋاي ئوچۇق ئاسمانغا زوق بىلەن تىكىلگىنىچە ئەركىن بىر نەپەس ئالدى.
سۈپ. زىل، ساز، جاراڭلىق.
مۇشۇنداق قىلغاندا ئاھاڭلار ئوچۇق، پاكىز چىقىدۇ.
سۈپ. بۇلغانمىغان، ساپ، سۈزۈك، راۋان.
- ئاخشامقى كىشمىش ئۆرۈكتىن، - دېدى ئومان، - تومۇرىڭىزنىڭ ئوچۇق چېغىدا ئازراق يەپ باقامسىز؟
سۈپ. تۈز، پاك، ھىيلە - مىكىردىن خالىي؛ خۇشخۇي، خۇش چاقچاق، مۇلايىم، چىقىشقاق.
ئۇ تولىمۇ خۇش چاقچاق، ئوچۇق يىگىت ئىكەن.
رەۋ. ئېنىق، روشەن، ئاسانلا بىلگىلى، سەزگىلى بولىدىغان ھالەتتە، گەۋدىلىك.
بۇ يەردە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى ئوچۇق ۋە مۇقىم بولىدۇ.
سۈپ. ھەقىقىي، راست، توغرا؛ ئاشكارا، ئېنىق.
ئۇ بۇ قېتىم ئوچۇق گېپىنى قىلدى.
مەن ئۆز پىكرىمنى ئوچۇق ئېيتتىم.
سۈپ. قېنىق، تۇتۇقنىڭ ئەكسى (رەڭ ھەققىدە).
- قاراڭ، - دېدى ئۇ ماڭا تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ، - رەڭگىمۇ شۇنداق ئوچۇق، ئايالىڭىزغا ئالغاچ بارسىڭىز خۇش بولماي قالمايدۇ.
سۈپ. ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە قاتناشسا بولۇۋېرىدىغان، خالىغانلار قاتناشسا بولىدىغان، ئادەم چەكلەنمەيدىغان.
ئوچۇق يىغىن. ئوچۇق سوت.
سۈپ. ھېچكىمدىن يوشۇرۇلمىغان، ئوچۇق - ئاشكارا بولغان.
ئوچۇق قارشىلىق. ئوچۇق ھەرىكەت. ئوچۇق مۇناسىۋەت.