Uyghur主要词典
پىرقىرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇ يۆنىلىشتىن بۇ يۆنىلىشكە بۇرۇلماق، چەمبەر شەكلىدە يۈرمەك.
ئەجەب بىر زامان بولدى، ئالەم چۆگىلەي دەيدۇ، يۈرەكتىكى زەرداب سۇ قانغا ئۆرلەي دەيدۇ. تۈگمەن بىر ئايلانغۇچە، ئىگىسى مىڭ ئايلىنار. يەر ئايلىنىدۇ، ئەرمۇ ئايلىنىدۇ. پىرقىراپ كەلدىم، ھېچنېمە كۆرمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جىسىم بىرەر نۇقتا ياكى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا چەمبەر شەكلىدە چۆرگىلىمەك، ئايلانماق.
چاق پىرقىرىماق. چاقپەلەك پىرقىرىماق.
قايماق، ئايلانماق (باش ھەققىدە).
- كىنوخانا ئالدىدىكى كىشىلەر سەل شالاڭلىغان بولۇپ بېشىم تېخىچە پىرقىراۋاتاتتى.