Uyghur→Chinese主要词典
لائوس
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
亚洲
老挝
lǎo wō
پىل دۆلىتى
ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇ جۇڭگو، بىرما، تايلاند، كامبودژا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر مەيدانى 236 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 850 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، 60 نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 2/3 قىسمىنى لائوس مىللىتى، قالغىنى مياۋ، كاتەي قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن جۇڭگولۇقلار تەشكىل قىلىدۇ، لائوس تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى ۋيېنتيان شەھىرى. لائوس يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، تاغلىقلار بىلەن ئېگىزلىكلەر دۆلەتنىڭ 80% يېرىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ جاي <ھىندىچىنىنىڭ ئومۇرتقىسى> دەپ ئاتىلىدۇ، مېكو دەريا بويلىرىدا قار، ئۇزۇن سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 20℃-26℃ كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1250-3740 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. 11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلنىڭ 4 - ئايغىچە شەرقىي شىمال پاسسات شاماللىرى سوقۇپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىت قۇرغاق پەسلى دېيىلدۇ، 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە غەربىي جەنۇب موسسونلىرى سوقىدۇ، بۇ ھۆلچىلىك پەسلى دېيىلىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 74% يېرىنى ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا قىممەت باھالىق ھەرخىل ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئورمانلىقلاردا توز، پىل، يولۋاس، كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. كان بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، قەلەي، مىس، كۆمۈر، گىپىس، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. لائوس مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، بىر مىڭ يىل بۇرۇنلا دۆلىتىمىز بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان. 14 - ئەسىردە خېلى گۈللەنگەن، 1893 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە قايتا ئىگىلىگەن، 1953 - يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1975 - يىلى لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. لائوس يېزا ئىگىلىك دۆلەت، ئاھالىنىڭ 90% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئەڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىدىن قالسا كاۋچۇك، كۆممىقوناق، كاۋاۋىچىن، قاقىلە، كېۋەز، سېرىق كەندىر، كوفې، شېكەر قوڭمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. بېلىقچىلىقمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، سانائەتتە شال ئاقلاش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، توقۇمىچىلىق، كاۋچۇك، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تاماكا قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. قاتناش - ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. مىكونگ دەرياسى مۇھىم سۇ قاتناش تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. لائوس كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكھەردە كەندىر توقۇمىچىلىق، قەغەز، ماشىنىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ 50% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەڭ ئېگىز پولوگ چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2928 مېتىر كېلىدۇ، تۈزلەڭلىكلىرى ئاز، ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىكى ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان مەركىزىي تۈزلەڭلىك بىلەن شەرقىي جەنۇبقا جايلاشقان بىكور تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا دېڭىز قىرغاق رايونلىرى بىلەن دەريا بويلىرىدا كىچىك دائىرىلىك تۈزلەڭلىكلەر بار. ئارالنىڭ ئېگىز تاغ قىسىملىرىدىن سىرت، باشقا جايلىرىنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق كېلىدۇ. شىمالىي قىسمى تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا شال، كوكۇس پالمىسى، مانىلا كەندىرى، شېكەر قومۇشى، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. لاگونا ئۆلكىسى بىلەن كېسون ئۆلكىلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كوكۇس پالمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ، ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مانىلا كەندىرى پۈتۈن ئارالدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مانىلا كەندىرىنىڭ 50% نى تەشكل قىلىدۇ. بۇ ئارالدا ئالتۇن، مىس، خروم ۋە تۆمۈرت رۇدىسى قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئارالنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى بەك ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ .
لائوسنىڭ تولۇق نامى <لائوس خەلىق دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيتى> بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان، چۈنكى پۈتۈن دۆلەت نوپۇسنىڭ 2
قىسمىنى لائوس مىللىتى تەشكىل قىلغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە، لائوسلار چار تۈلەڭلىكىگە كېلىپ يىلتىز تارتقان. ئۇلار ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تۇرمۇش ئەقىدىسى ھېساپلايدۇ. بۇ مىللەتتە ئەر - ئاياللار بىردەك باراۋەر بولۇپ، ئائىلە، قان سىستېمىسى ئارقىلىق ئېسىل پەسلىكىنى ئايرىمايدۇ، يەنە ياش ئارقىلىق ئوخشىمىغان تائىپە ئايرىشنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇلار ھىنايانا؟؟ دىنىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ، ئادەم ھاياتلىقتا شال تېرىپ، ئۆلگەندە تۇپراققا قايتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلار مىللەت نامى ئارقىلىق دۆلەت نامىنى لائوس (ئىنسانىيەت مەنىسىدە) دەپ ئاتايدۇ. فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، لائوس ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈچلىرى دۆلىتىنى <باتلاۋ> دەپ ئاتىغان. <بات> دۆلەت دېگەنلىك بولۇپ، باتلاۋ بولسا <لاۋ مىللىتىنىڭ دۆلىتى> دېگەنلىك بولىدۇ. لائوس 749 - يىلى دۆلەت قۇرغان، دۆلىتى ئەينى چاغدا <لەنساڭ خانلىقى>، پادىشاھى كۈنلوشاھ دەپ ئاتالغان. لائوس تىلىدا <لەنساڭ> خېتى <مىليونلىغان پىل> مەنىسىدە بولۇپ، لائوستا پىلنىڭ ناھايتى كۆپلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، قەدىمكى كىتابلاردا لائوسنى <تۈمەن پىل دۆلىتى> دەپمۇ ئاتىغان. 1893 - يىلى لائوس فىرانسىيىنىڭ <ھامىيلىقىدىكى دۆلەت> كە ئايلانغان، 1940 - يىلى ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، 1945 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1946 - يىلى 3 - ئايدافرانسىيە قايتا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 1954 - يىلى ئاندىن ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1975 - يىلى 12 - ئايدا <لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان.
لائوسنىڭ يەر مەيدانى 237 مىڭ كۋادرات كلومېتىر، پايتەختى ۋيېنتىيان، ئاھالىسى 4 مىليون 850 مىڭ، 60% دىن ئارتۇقىنى لائوس مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 90%دىن كۆپرەكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پۇل بىرلىكى كىپ.
لائوس تارىخى ئۇزاق قەدىمكى دۆلەت، مىلادىيە 8 - ئەسىردە لەنسڭ پادىشاھلىق دۆلىتى قۇرۇلغان، 18 ـ ئەسىردە لۇئاڭ - پراباڭ، ۋيېنتيان ۋە چامپاساكتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇلالىنى شەكىللەندۈرگەن. ككېيىن سىيام تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان 1893 - يىلى فرانسىيەنىڭ ھىمايە قىلىدىغان دۆلىتى بولۇپ قالغان. 1975 - يىلى، لائوس خانلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. لائوس دۆلەت بايرىقى ئۈچ پاراللېل ئۇزۇن چاستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى كۆك رەڭلىك ئۇزۇن چاس پۈتۈن بايراقنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. دەل ئوتتۇرىسىغا تولۇن ئاينىڭ رەسىمى سىزىلغان. كۆك رەڭلىك باياشات ۋە گۈزەل زېمىن بولۇپ، خەلقنىڭ تىنىچ ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشنى بىلدۈرگەن؛ قىزىل رەڭ ئىنقىلابنىڭ سىمۋولى بولۇپ، خەلقنىڭ قان تۆكۈشتىن قورقىماي دۆلەتنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغدايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن؛ ئاق رەڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لائوس خەلق ئىقىلابىي پارتىيسىنى بىلدۈرگەن.
دۆلەت گېربى يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتۇن مۇنار گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئاستى كانچىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان قېزىش ماشىنىسى، كان تاغلىرى ۋە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىقنى بىلدۈردىغان يېشىل ئېتىز ۋە ئورمانلاردۇر؛ توسما بىلەن يۇقىرى بېسىملىق توك تارقىتىش سىمى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققى قىلغانلىقىنى، ئېتىز ۋە دەريا ئارلىقىدىكى تاشيول قاتناش - ترانسىپورت ئىشلىرىنى بىلدۈرگەن. ئاستىدىكى يېرىم چەمنىرەكسىمان چىشلىك چاق بىلەن نۇرلۇق قۇياش سانائەت ئىشلىرىنىڭ ئەتىگەنكى قۇياش كۆتۈرلۈپ تۇرغاندەك راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىزىل بېزەكنىڭ سال تەرىپىگە لائوسچە؛ <تىنچلىق، مۇستەقىللىق، دىموكراتىيە> دېگەم سۆز، ئوڭ تەرىپىگە < بىرلىك، گۈللىنىش> دېگەن سۆز، ئوتتۇرىسىغا <لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيتى > دېگەن سۆز يېزىلغان.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
拉奥斯
lā ào sī
ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇ جۇڭگو، بىرما، تايلاند، كامبودژا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر مەيدانى 236 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 850 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، 60 نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 2/3 قىسمىنى لائوس مىللىتى، قالغىنى مياۋ، كاتەي قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن جۇڭگولۇقلار تەشكىل قىلىدۇ، لائوس تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى ۋيېنتيان شەھىرى. لائوس يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، تاغلىقلار بىلەن ئېگىزلىكلەر دۆلەتنىڭ 80% يېرىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ جاي <ھىندىچىنىنىڭ ئومۇرتقىسى> دەپ ئاتىلىدۇ، مېكو دەريا بويلىرىدا قار، ئۇزۇن سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 20℃-26℃ كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1250-3740 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. 11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلنىڭ 4 - ئايغىچە شەرقىي شىمال پاسسات شاماللىرى سوقۇپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىت قۇرغاق پەسلى دېيىلدۇ، 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە غەربىي جەنۇب موسسونلىرى سوقىدۇ، بۇ ھۆلچىلىك پەسلى دېيىلىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 74% يېرىنى ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا قىممەت باھالىق ھەرخىل ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئورمانلىقلاردا توز، پىل، يولۋاس، كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. كان بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، قەلەي، مىس، كۆمۈر، گىپىس، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. لائوس مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، بىر مىڭ يىل بۇرۇنلا دۆلىتىمىز بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان. 14 - ئەسىردە خېلى گۈللەنگەن، 1893 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە قايتا ئىگىلىگەن، 1953 - يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1975 - يىلى لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. لائوس يېزا ئىگىلىك دۆلەت، ئاھالىنىڭ 90% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئەڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىدىن قالسا كاۋچۇك، كۆممىقوناق، كاۋاۋىچىن، قاقىلە، كېۋەز، سېرىق كەندىر، كوفې، شېكەر قوڭمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. بېلىقچىلىقمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، سانائەتتە شال ئاقلاش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، توقۇمىچىلىق، كاۋچۇك، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تاماكا قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. قاتناش - ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. مىكونگ دەرياسى مۇھىم سۇ قاتناش تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. لائوس كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكھەردە كەندىر توقۇمىچىلىق، قەغەز، ماشىنىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار
دۇنيادىكى شەھەرلەر
拉奥斯
lā ào sī
ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇ جۇڭگو، بىرما، تايلاند، كامبودژا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر مەيدانى 236 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 850 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، 60 نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 2/3 قىسمىنى لائوس مىللىتى، قالغىنى مياۋ، كاتەي قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن جۇڭگولۇقلار تەشكىل قىلىدۇ، لائوس تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى ۋيېنتيان شەھىرى. لائوس يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، تاغلىقلار بىلەن ئېگىزلىكلەر دۆلەتنىڭ 80% يېرىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ جاي <ھىندىچىنىنىڭ ئومۇرتقىسى> دەپ ئاتىلىدۇ، مېكو دەريا بويلىرىدا قار، ئۇزۇن سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 20℃-26℃ كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1250-3740 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. 11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلنىڭ 4 - ئايغىچە شەرقىي شىمال پاسسات شاماللىرى سوقۇپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىت قۇرغاق پەسلى دېيىلدۇ، 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە غەربىي جەنۇب موسسونلىرى سوقىدۇ، بۇ ھۆلچىلىك پەسلى دېيىلىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 74% يېرىنى ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا قىممەت باھالىق ھەرخىل ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئورمانلىقلاردا توز، پىل، يولۋاس، كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. كان بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، قەلەي، مىس، كۆمۈر، گىپىس، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. لائوس مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، بىر مىڭ يىل بۇرۇنلا دۆلىتىمىز بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان. 14 - ئەسىردە خېلى گۈللەنگەن، 1893 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە قايتا ئىگىلىگەن، 1953 - يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1975 - يىلى لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. لائوس يېزا ئىگىلىك دۆلەت، ئاھالىنىڭ 90% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئەڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىدىن قالسا كاۋچۇك، كۆممىقوناق، كاۋاۋىچىن، قاقىلە، كېۋەز، سېرىق كەندىر، كوفې، شېكەر قوڭمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. بېلىقچىلىقمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، سانائەتتە شال ئاقلاش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، توقۇمىچىلىق، كاۋچۇك، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تاماكا قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. قاتناش - ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. مىكونگ دەرياسى مۇھىم سۇ قاتناش تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. لائوس كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ، كۈندىلىك سانائەت بۇيۇملىرى بىلەن ماشىنا، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، يېقىلغۇ، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ
ئۇنىۋېرسال
老挝
lǎo wō