Uyghur主要词典
مۇرىس
دۇنيا تارىخى
(1) فرېدېرىخ دېنىسون مۇرىس (1805 - 1872). ئەنەلىيىلىك تىئولوگ، خرىستىئان سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسچىسى، لوندون داشۆسى ۋە كېمبىرچ داشۆسىنىڭ پروفېسسرى. ئەدەبىيات، تارىخ ۋە ئىلاھىيەتتىن دەرس بەرگەن. 1839 - 1841-يىللىرى <مائارىپ ژۇرنىلى> نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1848-يىلى ئىنقىلاب پارتلىغاندا، خرىستىئان سوتسىيالىزمچىلىرىنىڭ يولباشچىسىب ولغان. سىنىپىي كۈرەشكە قاتتىق قارشى تۇرغان، خرىستىئان دىنى بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ ئىدىيىۋى جەۋھىرى ئوخشاشلا مېھىربانلىق، باراۋەرلىك ۋە ھەققانىيەتنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارىغان. ئىنسان تەبىئىتىنى ياخشىلاش ۋە كوپىراتسىيە ھەرىكىتى ئارقىلىق سوتسىيالىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ <دۇنيادىكى دىنلار>، <ئەخلاق ۋە مېتافىزىكىلىق پەلسەپە قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ۋىليام موررىس (1834 - 1896) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. گۈزەل سەنئەت رەسسامى ۋە خىيالىي سوتسىيالىزمچى. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا >ئوكسفورد - كېمبرىچ ژۇرنىلى< نى چىقىرىشقا ياردەملەشكەن ھەمدە بۇ ژۇرنالدا پات - پات ھېكايە، شېئىر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. كېيىن گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆي جاھازىلىرى، گىلە، تام قەغىزى، پار - پۇر قاچا قاتارلىقلارنى لايىھىلەشتە، بولۇپمۇ كىتاب تۈپەلش سەنئىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. كاپىتالىزم تۈزۈمىدىن نەپرەتلەنگەن، ھازىرقى زامان يىرىك سانائىتى ئىنسانلرنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنى ۋەيران قىلدى، دەپ قارىغان. ئوتتۇرا ئەسىر سەنئىتى ۋە قول سانئىتىنى قەدىرلىگەن، ئەخلاق ۋە گۈزەللىك تەربىيىسى ئارقىلىق رېئال جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىپ، غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1884-يىلى ئەنگلاىيە سوتسىيالىزمچىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتگە پائال ئاتلانغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن >سوتسىيالىزم ھەققىدىكى شېئىرلار توپلىمى<، داستانلىرىدىن >ئۈمىد تاۋاباتچىسى<، ھېكايىلىرىدىن >يوھان بولنىڭ چۈشى< قاتارلىقلار بار