Uyghur主要词典
تەقرىز
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي تەنقىدنىڭ بىرى تۈرى بولۇپ، بەدىئىي ئەسەر، كىنو - تىياتىر ۋە باشقىلار ئۈستىدە يېزىلغان، ئۇلارنى تەھلىل قىلغان، باھا بەرگەن كىچىك ئەدەبىي تەنقىدىي ئەسەر.
تەقرىز ئادەتتە ھازىر جاۋابلىق بىلەن مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلىدۇ، تەقرىزچى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، مۇلاھىزە قىلىدۇ، بۇ ھال ئاپتورغا، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ياۋروپا ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا تەقرىزنى <رېتسېنزىيە> دەپ ئاتايدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر كىتاپنى ماختاپ يېزىلغان ماقالا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت توغرىسىدىكى قاراش، مۇلاھىزە، باھا، تەنقىد
ئەدەبىياتنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوبزور مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا قىسقا ئەنزار كىشىلەرگە ئېقىم مەسىلىسىنى چۈشىنىشكە ياردەم بەردى. يېڭى كىتابلار ئۈستىدە تەقرىز يۈرگۈزۈش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
بىرەر كىتاب ياكى ماقالە ھەققىدە يېزىلغان ئوبزور ۋە ياكى كىتاب تونۇشتۇرۇلغان ماقالە.