Uyghur→Chinese主要词典
ئاشېل مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
阿舍利文化
ā shè lì wén huà
ياۋروپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاببېۋىل مەدەنىيىتىدىن كېيىنكى بىر خىل مەدەنىيەت. دەسلەپتە فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى سېنت ئاشېلدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان. بىللە ياشىغان ھايۋاناتلاردىن قەدىمكى پىل، قىزىل بۇغا ۋە ئىكى خىل كەركىدان قاتارلىقلار بار. قېپقالغان تىپىك نەرسىلەردىن پالتا ئاببېۋىل مەدەنىيىتىنى بىۋاسىتە مەنبە قىلغان، لېكىن چوقۇپ ياساش تېخنىكىسى بىرقەدەر ئىلگىرىلىگەن.