Uyghur主要词典
يىن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئىن، ئۇۋا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ئورگانىزمى.
تەن ساغلىق _ زور بايلىق. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا. ياش بەدەننىڭ ساقايماس يارىسى يوق. ئەر - خوتۇن بىر تەن - بىر گەۋدە بولۇشى كېرەك. كەمتەرلىك ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مەنزىرلىك بېغىدۇر. جۇغى كىچىك دېمە، ئەقلى تۈزۈك دە. جىسمى گەۋدىلىك بىر كىشى كەلدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىن.
قوي يىنى _ قوي يىنى.
3 - 4
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىن.
ئارسلان يىنى _ ئارسلان ئىنى.
تۈلكە ۋە باشقا يىرتقۇچلارنىڭ ئىنىمۇ « يىن» دېيىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تىلكۈ ئۆز يىنىگە ئۈرسە ئۇزۇز بولۇر _ تۈلكە ئۆز ئىنىغا ھۈرسە قوتۇر بولۇر. بۇ ماقال ئۆز قەبىلىسىنى يامانلىغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قۇش قۇرت قامۇغ تىرىلدى
ئەركەك (بېسىم ئاتالاينىڭ ئىزاھىغا قارىغاندا، بۇ سۆز يازما نۇسخىدا ئەسلىدە «» يېزىلىپ، كېيىن «» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن. بىز بۇ سۆزنىڭ « تىشى» سۆزى بىلەن قارىمۇ - قارشى مەنىدىكى سۆز ئىكەنلىكىنى ۋە ئەرەپچە «» ئىبارىسى بىلەن بېرىلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ترانسكىرىپسىيىدە «ئەركەك» دەپ ئالدۇق.) تىشى تېرىلدى
ئۈگۈر ئالىپ تارىلدى
يىنقا يانا كىرگۈسۈز
{قۇش - قۇرۇتلار ھەممىسى تىرىلدى،
ئەركەك - چىشىلىرى توپلىنىشتى،
ئۇيۇز بولۇپ تارقىلىشتى،
يەنە ئىنىگە كىرمەس بولۇشتى.}
باھارنى تەرىپلەپ شۇنداق دەيدۇ: قۇش - قۇرۇتلار باھارنىڭ يۇمشاق شامىلى بىلەن يەنە قايتا تىرىلدى، ئەركەك - چىشىلىرى توپلىنىشتى، توپ - توپ بولۇپ تارقىلىشتى، ئۇلار ئىنىگە قايتىپ كىرمەيدىغان بولدى.
3 - 4
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تېرە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھايۋانلارنىڭ قېرىنى ئىچىدىن چىقىدىغان پوق، گەندە.