Uyghur→Chinese主要词典
دې لېئون
دۇنيا تارىخى
德菜昂
dé cài áng
(1852 - 1914) ئامېرىكا ئىشىچلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىدىكى كيۇراسائو ئارىلىدا تۇغۇلغان. گوللاندىيە لېيدېن داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1874-يىلى ئامرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. گېزىت تەھرىرى، ئادۋوكات بولغان ھەمدە داۋاملىق ئوقۇغان. 1878-يىلى كولۇمبىيە قانۇن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1883 - 1889-يىللىرى كولۇمبىيە داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1890-يىلى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى ۋە نەزەرىيىچى بولۇپ قالغان، ماركسنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. پارتىيە ژۇرنىلى - <خەلق> ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ كۆپ يىل ئىشلىگەن. 1985-يىلى مەزكۇر پارتىيىنىڭ نۇقتىئىنەزەرىگە قارشى تۇرغانلىقتىن سوتسىيالىستىك سانائەت ۋە ئەمگەكچى ئىشچىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1908-يىلى خايۋوددىن بۆلۈنۈپ، ئۆز ئالدىغا خەلقئارا ئىشچىلار كەسپىي ئىتتىپاقىنى قۇرغان. ئاغمىچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغان. بىراق ئۇ ھۆكۈمەتسىزلىك سىندىكالىزملىق قاراشا بولغان. <ئامېرىكا بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس دەيدىغان نەزەرىيە> نى قوللاپ، ھاكىمىيەتنى پارلامېنت سايلىمى ئارقىلىقلا تارتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان، پرولېارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. <ئىش تاشلاشنىڭ ئەھمىيىتى>، <جەمئىيەتنىڭ سوتسىيالىستىك قايتا قۇرۇلۇشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
德利昂
dé lì áng