—参考资料
ئالەم ئەخلىتى
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
ئالەم ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارغا يەر شارىدىن ئۇچۇپ چىقىشتەك گۈزەل ئىستىقبال ئېچىـپ بـېـرىـلـدى، بۇنىڭ بىلەن، يەر شارىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالەم بوشلۇقىدا بۇلغىنىشمۇ پەيدا بولدى. نۆۋەتتە، ئىنسانلار تاشلىۋەتكەن سۈنئىي ھەمراھ ۋە راكېتا پارچىلىرى باشقۇرغۇچىسىز قېلىش ۋە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشتەك ھالەتتە تۇرماقتا، بۇ، كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى پائالىيىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا، ھازىر «ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى تېزدىـن تېپىپ چىقىش» نى مۇراجىئەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرگەن ئەخلەتلەر «ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى» دېيىلىدۇ، ئۇ سۈنئىي ھەمراھقا ئوخشاشلا مۇئەييەن ئوربىتىنى بويلاپ يەر شارىنى ئايلىنىدۇ. ئىنسانلار قويۇپ بەرگەن راكېتانىڭ ئالـەم بوشلۇقىدىكى پارچىلىرى − ئۇششاق دېتاللىرى، سۈنئىي ھەمراھنىڭ پارتلىشى ياكى كاشىلىغا ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن ئالەم بوشلۇقىغا تاشلىۋېتىلگەن پارچىلىرى، شۇنداقلا ئۆمرى ئاخىرلاشقان سـۈنئىـي ھەمراھ قالدۇقلىرى قاتارلىقلار ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى ھېسابلىنىدۇ.
مۇبادا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىلمىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەر قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىنى ئېچىش پائالىيىتى ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى سۈنئىي ھەمراھلارغا سوقۇلۇپ ئۇلارنى پارچىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئەخلەتنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇ بىر خىل قاباھەتلىك ئايلىنىش. بۇ جەھەتتە ھازىرغا قەدەر چوڭ بالايىئاپەت يۈز بەرمىدى، لېكـىـن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئايروپىلانىنىڭ ئەينەك دېرىزىسى بىلەن تاشقى قېپىنى ئۇششاق مېتـال دانـىـچـە ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۇۋالغۇلىرىنىڭ پارچىلىرى سۈرۈۋەتكەن ئىز بايقالغان.1991 - يىل9 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ «بايقىغۇچى» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ راكېتا قالدۇقىغا بەكـمـۇ يـېـقـىـن ئارىلىق قالغاندا ئاپەت خاراكتېرلىك سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئايلىنىش ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان.
مىكرو زەررىچىلىك ئەخلەتلەرنىڭ مىقدارى كـۆپەيسىمۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەم بوشلۇقىدىكـى ئەخلەتلەردىن تارالغان نۇر ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى سەييارىلەرنى كۆزىتىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى پائالىيىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان، دىئامېتىرى1 مىللىمېتىردىن ئاشىدىغان ئەخلەتلەردىن نەچچە مىليونى لەيلەپ يۈرمەكتە. بـۇلارنـىـڭ كۆپ قىسمىنى ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تاشلىۋەتكەن.
ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەخلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئازايتىش ۋە تازىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ياپونىيە ئالەم بوشلۇقى ئاۋىئاتسىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا، ئەخلەت پەيدا بولمايدىغان راكېتا ۋە سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛1992 - يىل5 - ئايدا ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن ئالەم ئايروپىلانى «ئىلگىرىلىگۈچى» گە ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرگەن بىر دانە سۈنئىي ھەمراھنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ھەمدە ئۇنى قايتىدىن تۇرغۇن ئوربىتىغا كىرگۈزۈش ۋەزىپىسى يۈكلەندى. ياپونىيە پەن - تېخنىكا ۋازارىتىدىكى خادىملارنىڭ قارىشىچە، «كەلگۈسىدە ئالەم بوشلۇقىـدا قاتناپ تۇرغان ئالەم قاتنىشى ئايروپىلانلىرى ئالەم بوشلۇقـىـدىكى ئەخلەتلـەرنـى يىغىۋېلىش ۋە تازىلاش ساھەسىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن» ئىكەن.