Uyghur主要词典
پارىس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى ترويا شاھزادىسى. يەنە بىر ئىسمى ئالېكساندر. ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالى) نىڭ پادىشاھى پرىئام بىلەن خانىكە ھېكابانى ئىككىنچى ئوغلى، قەھرىمان ھېكتورنىڭ ئىنىسى ھېكابا ھامىلدار بولغاندا بىر چۈشۈش كۆرگەن، چۈشىدە دەھشەتلىك ئوت ترويا شەھىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، بۇ چۈشىنىڭ يامانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئوغلى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى قاقاس تاغقا تاشلىۋەتكەن؛ بىر پادىچى بۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئۇنىڭغا پارىس دەپ ئىسىم قويغان. ئۇ كېلىشكەن ھەم باتۇر بولۇپ ئۆسكەن، كېىن ئاتىسى ئوغلىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئوردىغا ئېلىپ كەلگەن، ئۇ دەريا خۇداسىنىڭ قىزى ئونونېينى خوتۇنلۇققا ئالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر قېتىم ھېرا، ئافىنا ۋە ئافرودىتتىن ئىبارەت ئۈچ مەبۇدە ئەڭ گۈزەل مەبۇدىگە تېگىشلىك بولغان <ئالتۇن ئالما> نى تالىشىپ قېلىپ، پارىسنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ھەمدە ئۇنى ھۆكۈم قىلىپ قويۇشقا تەكلىپ قىپتۇ، پارىس <ئالتۇن ئالما> نى ئافرودىتقا ھۆكۈم قىلىپ بېرىپتۇ. ئافرودىت ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارىسنىڭ سپارتا ئورىدىسىدىن پادىشاھ مېنىلائۇسنىڭ رەپىقىسى - گۈزەل ھېلېننى ئالداپ ئېلىپ قېچىشىغا يادەملىشىپتۇ، نەتىجىدە يۇنانلىقلارنىڭ لەشكەر تارتىپ جەڭگە چىقىشىغاۋە ئون يىلغا سوزۇلغان ترويا ئۇرۇشىغا سەۋەب بوپتۇ. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پارىس يۇناننىڭ مەشھۇر سەركەردىسى ئاكىللېسنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. توريا قولدىن كەتكەن چاغدا، پارىس يۇنانلىق فلوكتېتس تەرىپىدىن يارىدار قىلىنىپ، ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
چەۋەندار، باتۇر، قەھرىمان