Uyghur主要词典
ھاجەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېھتىياج، زۆرۈرىيەت؛ تىلەك، مەقسەت:
مەنى غەم ئۆيىدىن رەھا ئەيلەگىل،
بارى ھاجەتىمنى رەۋا ئەيلەگىل.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەلەپ ۋە ئېھتىياجنى بىلدۈرىدۇ.
«كېرەك» پېئىلىنىڭ شەرت مەيلى بىلەن بىرىككەندە ئېھتىماللىق، تەخمىن، گۇماننى بىلدۈرىدۇ. باشقىلىرىدا بۇ ھال يوق.
كېرەككە تېرەك يىقىلىدۇ. يىغقان مال جانغا كېرەك. بۈگۈن يامغۇر ياغسا كېرەك. قىممەتلىك پىكىرىمىز ھەقىقەتكە زىت كېلىپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن ۋازكېچىشكە رازى بولۇشىمىز. تىرىشچانلىق ۋە قانائەتلەنمەسلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ھەممىدىن بەك زۆرۈر. ئېڭىكى چۈشكەن چاغدا ياڭاق چېقىش ھاجەتمۇ؟ ئوقۇغاننى تەكرارلاپ تۇرۇش تېگىشلىك ئەمەسمۇ؟ پۇقرالار قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھتاجلىق تەلىپى.
دوستۇڭنىڭ بۈگۈن ھاجىتى چۈشسە، ئەتىگە قالدۇرما. ئىتقا ھاجىتىڭ چۈشسە ئۇكام دە. ئەگەر بىرەر كىشىنىڭ ساڭا ئېھتىياجى بولسا، ھەرگىز رەت قىلما، ھاجىتىنى راۋا قىل، قۇرۇق قايتۇرما. شىرنىمۇ قىلغۇچى تۈلكە مىجەز ئېھتىياجىدۇر، ئېھتىياجىدۇر، ئېھتىياج. پەسكەش ئادەم ئېھتىياج ئالدىدا ۋەدە قىلىپ، قانائەت ئالدىدا يۈز ئۆرۈيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كېرەكلىك، زۆرۈرلۈك، زۆرۈرىيەت، ئېھتىياج.
ھاجىتى يوق. ھاجەت ئەمەس.
موھتاجلىق؛ تەلەپ.
- ھاجىتىڭىزغۇ كۆپ، ھازىرچە مۇنداق بىر ئىش بىلەن كېلىۋىدىم، - دېدى ئايال ئىتتىك سىرتقا قاراپ قويۇپ قازىغا.
كۆچمە. چوڭ - كىچىك تەرەت.
ھاجەت قىلماق. چاجەتكە چىقماق. ھاجەتكە بارماق.