Uyghur主要词典
ئاۋاز
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاۋاز، ئۈن، تاۋۇش، سادا؛ ناخشا، ناخشا ئاۋازى، كۈي؛ ئەكس سادا؛ نام، ئاتاق؛ ھېكايە؛ خەۋەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق پەيدا قىلغان تەسىرى.
تىنىقى يوقنىڭ ئۈنى يوق. تىل تاۋۇشلىرى - تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى، ئۇ تىلنىڭ ماددىي پوستى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن قاتتىق چىقىدۇ. خەلقنىڭ ساداسى - تەڭرىنىڭ ساداسى. بۇ گۈمبەز ئاستىدا ياڭرات خۇش سادا، نېمىنى دېسەڭ ئۇ قايتۇرار ساڭا. شۇ ئان تاغدىن <كىمسەن> دېگەن نىدا كەپتۇ. سەس چىققاندا سەل تىتىرىگەنىدى. قاتتىق قارىغاي سۇرىنى ھەربىر قارىغايدىن چىققان. بىر قوڭغۇراق كۆپەيسە، شاۋقۇن كۆپىيەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ماددىلارنىڭ تەۋرىنىشى، نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن پەيدا بولغان تاۋۇش.
سائەتنىڭ ئاۋازى، يامغۇر ئاۋازى، دۇمباق ئاۋازى.
قەيەردىندۇر نەي بىلەن راۋابنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئۆپكىدىن چىققان ھاۋانىڭ ئۇرۇلۇشى بىلەن تاۋۇش پەردىلىرىنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان تاۋۇش؛ سادا.
- ئەي ئوغلۇم، - دېدى ئۇ يېقىملىق ئاۋاز بىلەن، - نېمە سىرىڭ بار، ماڭا ئېيت.
پىكىر - تەلەپ، نالە.
ئاممىنىڭ ئاۋازى.
مۇزاكىرە ياكى سايلامدا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىش ھوقۇقى، ئىختىيارلىق، راي.
يوشۇرۇن ئاۋاز. بىر ئاۋازدىن ماقۇللىماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاۋازلىق، ئاۋازى يېقىملىق، خۇش ئاۋاز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئالدىنقى تۇرمىغان بالىلارنىڭ ئورنىغا، ئاۋازىغا كەلگەن بالا. باشقا شەكىللىرى: ئاۋازباي، ئاۋازجان، ئاۋازگۈل، ئاۋازبەگ.