Uyghur主要词典
سانجىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇچلۇق، ئۆتكۈر نەرسىلەرنى كۈچ بىلەن كىرگۈزمەك، تىقماق.
بىگىز سانجىماق.
ھەركىم قىلار ئۆزىگە يىڭنە سانجار كۆزىگە (ماقال).
كۆچمە. ئۇچلۇق بىر نەرسە تىقىلغاندەك ئاغرىماق.
تۇرسۇننىڭ قورسىقى سانجىپ ئاغرىشقا باشلىدى.
كۆچمە. گەپ بىلەن چېقىۋالماق.
- ۋاي پۇلنى دەپ ئۆلۈپ بەرمە يەنە، - ئۇ ئەمدى چاقچاق قىلغان بولۇپ رەسمىي سانجىۋالدى.