Uyghur→Chinese主要词典
ۋىللا
دۇنيا تارىخى
比利亚
bǐ lì yà
(1877 - 1923) ئەسلى ئىسمى دوروتېئو. ئارانگو، 1910 - 1917 - يىللاردىكى مېكسىكا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى شىمالىدىكى دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىدىكى قۇلدىن كېلىپ چىققان، 1910 - يىلى ئامېرىكا - مېكسىكا چېگرىسىدىكى چىۋاۋا شتاتىدا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، 1119 - يىلى جۇئارىز شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. دىئازمۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. 1913 - يىلى دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان <شىمال دىۋىزىيىسى> ن قۇرۇپ، شۇ يىلى خۇئېرتا (1854 - 1916) نى ئاغدۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1914 - يىلى زاپاتا بىلەن بىرلىشىپ، پايتەخت مېكسىكا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. بىراق، ئىككىنچى يىلى پايتەختتىن چېكىنىشكە جەمبۇر بولغان. ئامېرىكا مېكسىكىغا قوراللىق ئارىلاشقان مەزگىلدە (1916 - 1917) تاجاۋۇزچىلارغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان، 1923 - يىلى ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.