Uyghur主要词典
ياۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولغا كۆندۈرۈلمىگەن، يىرتقۇچ؛ كۆچمە؛ ئىنسانىي پەزىلىتى يوق.
پىتنە - پاسات ۋەھشىي قوشۇننىڭ ئۆزى. ياۋا موگۇ تېز ئۆسەر. ياۋايى ھايۋاندىن پەخەس بول، ياۋايى ھايۋان تەبىئەتلىك<ئىنسان> دىن تېخىمۇ پەخەس بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاق تىكەن.
بۇ بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۈيىنى تۇتماچقا قۇيسا، تۇتماچقا رەڭ بېرىدۇ. يۇمشاق «ۋ _ » بىلەن « ياۋا» مۇ دېيىلىدۇ.
3 - 33
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بولغان « ياۋا» نىڭ يەنە بىر خىل ئېيتىلىشى. شۇنىڭدەك ئوغۇزچە سوغۇق تەگمەيدىغان دالدا يەرگىمۇ، مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، « يافا يېر» دېيىلىدۇ. بۇنىڭدا «و _ ۋاۋ» ھەرپىيۇمشاق «ف - f» غا ئالماشتۇرۇلغان.
3 - 33
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياۋا.
ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى. بۇ سۆزنىڭ «و _ ۋاۋ» بىلەن « ياۋا»، «ا _ ئېلىف» بىلەن « ئاۋا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكىللىرىمۇ بار.
3 - 30
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت ياكى ياۋا دېگەن ياۋادۋىپانىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت، دەپ قارىلىدۇ. بۇرۇنقى ئورنى بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە سوماترادا، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ياۋادا بولۇپ، يەنە بەزىلەر مۇشۇ ئىكى ئارالنىڭ قوشۇپ ئاتىلىشى دەپ قارايدۇ. مىلادى 435 - يىلى (ليۇسوڭ يۇەنجيا 12 - يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىدە يەنە كالنىگا دۆلىتىگە قارىتىلغان. سۇڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە، ھازىرقى ياۋانى كۆرسەتكەن. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە <ياۋا> دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ھازىرغىچە شۇ پېتى قوللىنىلماقتا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دانلىق زىرائەت
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بەڭباش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن، ئادەمگە ئۆگىتىلمىگەن.
ياۋا كەندىر. ياۋا ئات. ياۋا ئېشەك.
نورمال بولمىغان، غەيرىي.
مۇسا ئۇنىڭ بۇرۇنلىرىدىكى ياۋا تۈكلەرنى قايچا بىلەن قىرقىۋەتتى.
كىشىلەرگە ئارىلاشمايدىغان، مىجەزى باشقىچە، مىجەزىي غەيرىي، يېگانە.
ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سەل ياۋا كېلىدىكەن.
غەيرىي، يېقىمسىز (ئاۋاز ھەققىدە).
ياۋا ئاۋاز.