Uyghur主要词典
ياماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىرتىلغان، تېشىلگەن، ئۈزۈلگەن... يەرنى يامىغاندا ئىشلىتىلگەن رەخت، لاتا.
<قۇراق> ئۇششاق، پارچە لاتىلاردىن قۇراشتۇرۇلغان لاتا.
يەرنىڭ يامىقى يوق، سۆزنىڭ ئايىغى. ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق. قۇراق تەكىيە ئەجىرسىز كەلگەن مامۇق ياستۇقتىن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بىرەر نەرسىنىڭ يىرتىلغان، تېشىلگەن ياكى ئۈزۈلگەن جايىنى ياماش، پۈتۈنلەش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇيۇم، لاتا.
ياماق سالماق.
ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق سال (ماقال).
ئۈستىدىكى ياماق سېلىنغان شىمنى ۋە شورلىشىپ كەتكەن بەتىنكىسىگە قاراپ ئۇنى مەلۇماتلىق بىر زىيالىي دېيىشكە بولاتتى.
ئى. ياماشقا تېگىشلىك بولغان، يامىمىسا بولمايدىغان جاي.
بۇ يۇرتتا ھېچكىم باشقىلارغا ياماق ياماتمايدۇ، شۇنداقلا ھېچكىم باشقىلارنىڭ يامىقنىمۇ يامىمايدىغان ئادەت بار ئىكەن.
سۈپ. ياماق سېلىنغان، يامالغان، تىكىلگەن.
قوشماق ئاكا ئۆز ئۈستىدىكى ياماق يوتقاننى سوغۇقتىن لاغىلداپ تىترەۋاتقان كەنجى ئوغلى قاسىمنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى.