Uyghur主要词典
رازى بولماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كۆنمەك، قانائەت قىلماق، باش ئەگەمەك، ئىتائەت قىلماق:
ئەرزى دىلىمنى ئىشتىبان رەھىم ئەيلەسە مەن زارغە،
گۇل سۆيگەلى بولسە بەھەم رازى بولۇرمەن خارغە.
موللا سالېھ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
مەمنۇن، خۇرسەن بولماق، شادلانماق؛ قانائەت ھاسىل قىلماق، رازىلىق بەرمەك، ماقۇل كۆرمەك، ئۇنىماق، كۆيمەك: ئۇلار بىزنىڭ بۇ تەكلىپىمىزگە رازى بولدى.