Uyghur主要词典
ئەزمە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز - ھەرىكەتنى سوزۇپ، ئىنجىقلاپ قىلىدىغان كىشى.
ئەزمىسىنى ئەزمەك. ئەزمە ئەزمىسىنى ئەزگۈچە، چاققان ئىشىنى پۈتتۈرەر. ئېزىلەڭگۈ ئەزمىدىن خاپا ئىمىش. گىجىڭ ئۇستىدىن ئىلدام گاداي ياخشى. مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، قىڭغىر ھارۋا يول. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ، ئەزمىنى خۇدادىن بەزمە يېڭىدۇ. سۆزەلمىپاس پايتىمىسىنىمۇ سۆرەپ يۈرىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكىتى ئاستا، قوپال.
چاققان، چەبدەس، ئەپچىل، تېتىك، ئايىغى يېنىك
ئىش - ھەرىكىتى ناھايىتى تېز، ئەپلىك.
چاققان خوتۇننى بۆشۈك تۈۋىدە كۆرۈڭ. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ. ئاغزىڭ ئەپچىل بولغۇچە، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن. گىجىڭدىن قورق. ئېزىلەڭگۈ ئايىغىنى سالغۇچە، چەبدەس يۇيۇنۇپ بولار. بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار. پالاكەتنىڭ بېشى يېرىق. سۆرەلمىپالاس ئىش بۇزار. ئايىغى ئېغىر ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ.گەپنى تەكرارلاۋېرىدىغان، گەپنى سوزۇپ ئىنجىقلاپ قىلىدىغان.
سىز تولا ئەزمە گەپلەرنى قىلىپ يۈرمەڭ، ۋاقىتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىسىز.
سۈپ. بوشاڭ، ئېزىلىپ يۈرىدىغان، ئېزىلەڭگۈ.
مۇشۇ زاماننىڭ بالىلىرى تازىمۇ ئەزمە كېلىدىكەن.
ئى. ئېزىلەڭگۈ ئادەم.
مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ، ئەزمىنى خۇدادىن بەزمە يېڭىدۇ (ماقال).