Uyghur主要词典
تاش يۈرەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىم - شەپقەت، كۆيۈمنى بىلمەيدىغان.
رەھىمسىزدىن «رەھمەت» كۈتمە. رەھىمسىز ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرى قىسقا. شەپقەتسىز شەپقەتسىزنىڭ قولىدا تۈزىلەر. بالاڭ كۆيۈمسىز بولسا، بەختىم قارا دە. مېھرى يوق ئادەم _ سۈتى يوق سىيىر. تاش يۈرەك نادانلار تۇغۇلغان ئۆيىنى يامانلار. باغرى تاش ياردىن تونۇشمىغان يات ياخشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
رەھىم - شەپقىتى يوق، مېھرى - مۇھەببىتى يوق.
رەھىملىك، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، كۆڭلى يۇمشاق، كۆيۈمچان، كۆيۈملۈك، مېھرىبان
رەھىم - شەپقىتى بار، مېھرى - مۇھەببەتلىك.
رەھىمسىز ئادەمدىن رەھىملىك ئىت ياخشى، رەھىمسىزدىن رەھمەت كۈتمە. رەھىمدىل ئادەم ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ. رەھىمسىز ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرى قىسقا. شەپقەتسىز چىرايلىق بولغۇچە، كۈيۈملۈك سەت بول. كۆيۈمچان كۆيدۈرىدۇ. مېھرىبان مېھرىباندىن تۇغۇلىدۇ. كۆڭلى يۇمشاق كۆڭلەكسىز قالىدۇ. بارى تاشتىن ۋاپا كەلمەس. تاش يۈرەك بالىدىن ئانىنىڭ يۈرىكى زىدە.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىر كىمگە رەھىم - شەپقەت، ياخشىلىق قىلمايدىغان، باغرى قاتتىق، دىلى قاتتىق: ئىشىك ئالدى قوش تېرەك، ئېگىلەيمۇ دېمەيدۇ، بىزنىڭ يارلار تاش يۈرەك، خەت يازايمۇ دېمەيدۇ،