Uyghur主要词典
مۇھەممەد ئەلى
دۇنيا تارىخى
(1769 - 1849) مىسىرنىڭ باش ۋالىيىسى (1805 - 1848). ئالبانىيىلىك. تاماكا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.1798-يىلى تۈركىيە ئوفىتسېرى بولغان. 1799 - 1801-يىللىرى ناپالېئننىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1805-يىلى ئەسكىرىنى باشلاپ تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، باش ۋالىيلىققا سايلانغان. 1811-يىلى مەملۈكلەرنىڭ ئاتامانىنى يوقىتىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك فېئوداللىق تەپرىفە ھالەتكە خاتىمە بەرگەن، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساپ، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغان؛ سانائەتكە مەدەت بېرىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، كېمىسازلىق زاۋۇتى، قورال - ياراق زاۋۇتى ۋە باشقا زاۋۇتلارنى قۇرغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېخنىكۇم ۋە چەت ئەل تىلى مەكتەپلىرىنى قۇرغان، ياۋروپاغا ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتكەن؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان، يېڭى ئەسكەرلەرگە تەلىم - تەربىيە بەرگەن، دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرغان. سىرتقا قارىتا ھەر يىلى ئۇرۇش قىلغان. 1811 - 1818-يىللاردا ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئەسكەر چىقىرىپ، مەككە ۋە مەدىنىي بېسىۋالغان؛ 1820 - 1822-يىللاردا سوداننى بېسىۋالغان، خارتۇم شەھىرىنى قۇرغان؛ 1824 - 1827-يىللاردا گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1831 - 1833-يىللىرى ۋە 1839 - 1841-يىللىرى تۈركىيىنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلغان. كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن يەنىلا ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن ئۆزىنىڭ مىسىرنىڭ باش ۋالىيلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. 1848-يىلى ئورنىنى ئوغلى ئىبراھىم (1789 - 1848) غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.