Uyghur主要词典
بۈرگىلەر ئەترىتى
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپىدىكى بىر ئەترەت. ئۇ <يوشۇرۇن قاناتلىقلار ئەترىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئۇلر <بۈرگە> دېيىلىدىغان بىرخىل قان شورىغۇچى ھاشاراتلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ بەدىنى كىچىك، قارا قوڭۇر رەڭلىك، ئوڭ، سول يېنى ياپىلاق، بېشى كىچىك بويۇن قىسمى يوق، مۇرەككەپ كۆزىنىڭ چوڭلۇقى ۋە يېتىلىش ئەھۋالى تۈرلىرىگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ. ئانتېننىسى قىسقا، بولقىسىمان، ئېغىز ئاپپاراتى سانجىپ شوراشقا مۇۋاپىقلاشقان، قانىتى يوق، پۇتى ئۇزۇن، سېنى ئالاھىدە چوڭ، پاقالچاق بوغۇمى توم ھەم ياپىلاق بولۇپ، سەكرەشكە ماسلاشقان بولىدۇ. تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدۇ. تۇخۇمى ئاق، ئېللىپس شەكىللىك، پارازىت خوجايىنىنىڭ ئۇۋا - چاڭگىلىرى، ئۆيلەر ۋە بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردىكى چاڭ - توپىلاردا ئۇچرايدۇ. تۇخۇم دىۋارى 2 - 12 كۈن بولىدۇ. لىچىنكلىرى چاشقان تۆشۈكلىرىدە، نەم ئورۇنلاردىكى يوچۇقلاردا ياشاپ، يېتىلگەن قۇرتنىڭ گەندىسى، پارازىت ئىگىسىدىن تۆكۈلۈپ چۈشكەن تېرە ئۇۋاقلىرى، قان پارچىلىرى ھەم ئورگانىك قالدۇقلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. يېتىلگەن قۇرت قان شورايدۇ. يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئۆمرى، مەسىلەن، ئادەم بۈرگىسىنىڭ ئۆمرى ئوزۇقلۇق شورىمىغاندا 125 كۈن، ئوزۇقلۇق شورىغاندىن كېيىن 513 كۈن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 696 كۈن بولىدۇ. بۈرگە ئىنسانلار ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار قاتارلىق مۇقىم تېمپېراتۇرىلىقلارنىڭ تاشقى پارازىت قۇرتى بولۇپ زور كۆپچىلىكى پارازىت ئىگىسىنىڭ چاچ، تۈك، پەيلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ. ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ قېنىنى شورايدۇ ھەمدە ئۇلار چۇما، داغلىق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدىغان بولغاچقا مۇھىم گېگېنىلىق زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مەلۇم بولغان تۈرلىرى 1400 دىن ئاشىدۇ.