Uyghur主要词典
ۋاي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاھ، ۋاي؛ مۇسىبەت، غەم، غۇسسە:
خە ئۆزرە بولۇپ گەھى سىمەن ساي،
ماتەملىك ئېتەرگە ئىشىق ئېلىن، ۋاي.
ئەرشى.
ئىشتسەڭ ۋە كۆرسەڭ ئىچىڭ ئاغرىغاي،
كېيىن فايدە بەرمەس نەدامەتكە ۋاي.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ قاقشاش، ھەسرەتلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي دوستۇم، ئۇ كۈنلەردە مۇنداق ئىشلار كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەن.
قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، جىملەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي سادەتخان! ئەمدى كەلدىڭىزمۇ؟ سازچىلار سىزدىن رەنجىشتى.
ئوڭايسىزلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي ئەپەندىم، بۇ نېمە قىلغانلىرى.
جىددىيلىشىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي، ئۇلار كېلىپ قالدى! چاپسان بولۇڭلار.
ئاغرىش ئىماسىنى بىلدۈرۈپ، ئاغرىغان ئەزانى بىلدۈرىدىغان سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ.
ۋاي قولۇم! قولۇمنى دەسسىۋالدىڭ.
ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن يىغلىغاندا شۇ كىشىنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىپ يىغىنى كۈچەيتىدۇ.
تۇيۇقسىز يان ھويلىدىن ۋاي ئاتام، ۋاي قېرىندىشىم دېگەن يىغا ئاۋازى چىقتى.