Uyghur主要词典
بىردەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېگىز - پەسلىك، يۇقىرى - تۆۋەنلىك بولمىغان، ھەممە ئوخشاش بولغان ھالەت.
بەش قول تەڭ ئەمەس. قاش بىلەن كۆز تەڭ بولمايدۇ. باراۋەر ئىدۇق ھەممىمىز تەڭرى ئالدىدا ، باراۋەر بولمىدۇق ئەممە دەۋر ئالدىدا، كېرىلىپ كەتمىگىن سەن ئامەتلىرىڭدىن، باراۋەر بولىمىز قەبرى ئالدىدا. بەش تال بارماق، بەش قېرىنداش، بىراق زادى بىردەك بولماس. بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەكشى ئەمەس. تىكىس يەر تېپىلماس. تەڭپۇڭ بولماق تەس، مۇۋازىنەت ئەلا. موساۋەت فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ شوئارى : ھۈرىيەت، موساۋات، ئادالەتنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ھەممىنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنىڭ بىر - بىرىگە ئەينەنلىكى.
گۆھەرنى تاشقا ئۇرغان بىلەن تاش بىلەن گۆھەرنى ئۇرغان ئوخشاش؛ ئاخىر گۆھەر سۇنىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۇ بىلەن سەن ئوپمۇ ئوخشاش. بۇ ئىككىسى ئوپئوخشاش چوڭ بوپتۇ. بۇ قىز بەئەينى ئانىسىنىڭ ئۆزىغۇ! بۇ مەن يىتۈرۈپ قويغان پىچاقنىڭ دەل ئۆزى. بۇ بالا دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ. زىرائەت مايسىلىرى بىر خىل تەكشى ئۆسۈپتۇ. ياخشى ئوغۇل ئەلگە بىردەك يارار. دوستسىز ئۆتمەك ۋەتەندە، مىسلى مۇردا كېپەندە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىر خىلدا، ئوخشاش، تەكشى، باراۋەر.
مەيلى ياشانغانلار ۋە ياكى كىچىكلەرگە بولسۇن بىردەك مۇئامىلە قىلىش لازىم.
بىرنەرسىدەك، مەھكەم.
ھەر مىللەت خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.