Uyghur主要词典
پەردە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەردە، توسۇق:
خەلاس ئولماق ئۈمىد ئەتسەڭ بۇ ئىككى پەردە زۇلمەتدىن،
شەبىستانى ۋۇجۇدۇڭغە ئىباەت شەمئى كەلتۈرمىش.
شەۋقى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
دراما، كومېدىيە، تراگېدىيىگە ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ تۈگەللەنگن قىسىمى. مەسىلەن: پېشقەدەم ئۇيغۇر دراماتۇرگى زۇنۇن قادىرىنىڭ <غۇنچەم> درامىسى تۆت پەردىدىن ئىبارەت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەردە، توسقۇچ، توسۇق؛ چالغۇ (ساز) بوغۇنلىرى: پەردە ئى راز - سىر پەردىسى؛ سىر؛ پەردەئى شەرم - ھايا پەردىسى. ئۇيات؛ پەردە ئى شام - تۇن، كېچە (كۆچمە مەنىدە)؛ پەردەئى ئابگۇن - ئاسمان مەنزىرىسى (كۆچمە مەنىدە).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشىك، دەرىزە، كارىۋاتلارغا توسۇش ئۈچۈن ياكى زىننەت بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس رەخت، تور.
دېرىزىگە پەردە كېرەك، ئاتا - بالا ئوتتۇرسىدا پەردەشەپ كېرەك. قىز يىگىتنى چىمىلداقتا تونۇيدىغان ئىشلار بار ئىدى. يىغلىماڭ قىز، يىغلىماڭ، تويىڭىز بولدى، ئالتۇن گۈللۈك كۆشۈگە ئۆيىڭىز بولدى. كۆشۈگىدە كۆرۈشكەن چاغ ئەستىن چىقمىسا، ئەر - خوتۇن بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. چارشاپ تارتقان ئۆي كېلىننىڭ .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىياتىرنىڭ ئايرىم ۋەقەلىكى كۆرسىتىلىدىغان قىسمى.
قەشقەر سەنئەت ئۆمىكى تىياتىر كۆرىكىدە بىر پەردە، تۆت كۆرۈنۈشلۈك «ئەزىزە» درامىسىنى ئوينىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنى تونۇتماسلىق ياكى يوشۇرۇش ئۈچۈن يۈزگە تارتىلىدىغان نەرسە، بۇيۇم؛ ھەقىقىي ئەھۋال، قىياپەتنى يوشۇرىدىغان نەرسە.
نەيرەڭ نىقابقا مۇھتاج. پەردە ئېچىلسا، ساختا ئېچىلىدۇ. ماسكا تارتقاننىڭ دەردى ئىچىدە. ئۇ كلاسسىك ئەدەبىياتنى ۋىۋىسكا قىلىپ، يامان نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى، ئەمەلىيەتتە كلاسسىك ئەسەرنى ھەتتا ئوقۇيالمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دېرىزە، ئىشىك، سەھنە قاتارلىقلارغا زىننەت بېرىش ياكى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان رەخت.
دۇخاۋا پەردە. چىت پەردە. پەردە ئاچماق.
<ئانا> ئورگانىزمدا ئايرىم ئورگانلارنى قاپلاپ، ئوراپ ياكى بىر - بىرىدىن ئاجرىتىپ تۇرىدىغان نېپىز شىللىق نەرسە؛ يۇپقا توقۇلما.
قىزلىق پەردىسى. قۇلاق پەردىسى.
<تىيا> سەھنە ئەسىرىنىڭ فىلىمنىڭ مۇستەقىل ۋەقەلىكتىن ئىبارەت بولغان تولۇق بىر قىسمى.
بۇ دراما ئۈچ پەردە، ئىككى كۆرۈنۈشلۈك ئىكەن.
كۆچمە. ئاتا - بالا ۋە چوڭ - كىچىكلەر ئارا قىلىنىدىغان ھايا.
پەردە ساقلىماق.