English→Uyghur主要词典
Anglo - Africans
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئەنگلو - ئافرىقانلار
ئەنگلو - ئافرىقانلار جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ئىنگلىزلار نەسلىدىن بولغان ئافرىقىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 5.76 پىرسەنتى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيتىدە، 6.6 پىرسەنتى زىمبابۋېدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى كېنىيە، زامبىيە، تانزانىيە، مالاۋى، نامبىيە ۋە گانا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى (جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 80 پىرسەنتى) شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان. ئەنگلو - ئافرىقانلار جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنىڭ 6.5 پىرسەنتىنى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ 38 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئەنگلو - ئافرىقانلار ئىنگىلىز كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئافرىقان دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
ئەنگلو - ئافرىقانلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېسنانتىزم (ئەنكىلىكان ياكى ليۇتىر) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئۇلار ئاساسەن سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئەنگىلىيە 1795 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كېيىپتاۋىننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن تارتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاھالە كۆچۈرۈپ، پەيدىنپەي تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن كۆپىيىپ ھازىرقى ئەنگلو - ئافرىقان مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. نۆۋەتتە ئەنگلو - ئافرىقانلار بىلەن ئافرىقانلار (بورلار) ئۆزئارا ئۆزلىشىپ كېتىش يولىغا قاراپ ماڭماقتا. شۇڭا بەزىلەر ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ <جەنۇبىي ئافرىقا ئاقتەنلىكلىرى> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون 900 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيىسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.