Uyghur主要词典
غادايماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويىنى تىك قىلىۋالماق، كۆچمە مەنىدە: ھاكاۋۇرلۇق قىلماق.
غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە، ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە. كىچىككىنە مەنسەپكە گىدىيىپ كەتمە. قوينىڭنى پۈچەك ياڭاق بىلەن تولدۇرۇۋېلىپ گىدىيىپ يۈرمە. كېرىلىگەننىڭ چاترىقى يېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قەددىنى رۇسلاپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ، گەۋدىسىنى ئارقىغا تاشلاپ تۇرماق.
- ئانچە غادىيۋالماي ئەركىنرەك ئولتۇرمامسەن،- دېدى ئۇ بالىسىغا.
ئۆزىنى چوڭ تۇتماق، سالاپەتلىك كۆرسەتمەك.
كونىلاردا <ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكىچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكىچە> دېگەن گەپ بار.