—参考资料
سەنئەت ئادىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن سەنئەتخۇمار خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەبىئىتى<ۋېينامە>، <تاڭنامە> قاتارلىق خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ئاللىبۇرۇنلا ئۆزىگە مۇناسىپ تەسۋىرىي ئوۇرن ئالغان. كېيىنكى دەۋرلەردە قېرىنداش مىللەتلەر تەرىپىدىن <ناخشا - ئۇسسۇلچى> خەلق دەپ تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتخۇمارلىقى ئۇسسۇل، مۇزىكا، ئويمىچىلىق (نەققاشچىلىق)، ھەيكەلتىراشلىق، ھۈنەر - سەنئەت، رەسساملىق، كەشتىچىلىك قاتارلىقلارنى ئىجتىمائىي كەسىپ سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەندە ۋە ئۇنى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى شادىيانلىق، ھوزۇر - لەززەت دەپ بىلىپ، ئىشتىياق باغلاپ كەلگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.