Uyghur主要词典
بىئو قوراللار
يادرو ۋە بىئو قوراللار
بىئو ياراغلار زور دائىرىلـىـك قـىـرغـۇچـى ئالاھىدە ياراغلار بولۇپ، بىئولوگىك جەڭ دورىـلـىـرى ۋە ئۇلارنـى قـويـۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىدىن تەركب تاپىدۇ. بىئولوگىك جەڭ دورىلـىـرى ئۇرۇشـتـا ئادەم ۋە چارۋىلارنى قىرغىن قىلىدىغان ۋە دېھقانچىلىق زىـرائەتـلـىـرىـنـى نابۇت قىلىدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىـزم بـاكـتـېـرىـيـە توكسىنىدۇر، ئۇلار يەنە يۇقۇملۇق بولۇپ، يۇقۇش دائىرىسـى كەڭ، زىيان سېلىش ۋاقتى ئۇزۇن، تارقـىـلـىـش يـولـلـىـرى كـۆپ، ئاسـان بايقىغىلى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنىڭ كېسەللىك پەيـدا قـىـلـغـۇچـى مىكرو ئورگانىزملىرى باكتېرىيە، تـوكـسـىـن، ۋىـرۇس، رىـكـكـېـتـسـىـيـە، خلامىدىيە ۋە زەمبۇرۇغ قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈرگـە ئايـرىـلـىـدۇ، ئۇلارنـىـڭ كۆپىنچىسى كېسەللىك پەيدا قىلـغۇچـى تـىـرىـك مـىـكـرو ئورگـانـىـزملار. ئاساسەن بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئائېروزولى قويۇپ بېـرىـش، باكتېرىيە يۇقتۇرغۇچى ھاشاراتلار ياكى باشقا ۋاسىتىچى ماددىلارنى چېچىش، جاسۇس ئەۋەتىپ تارقىتىش قاتارلىق يوللار بىلەن تارقىتىلىدۇ.
بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنـىـڭ ئادەم بـەدىـنىـگە كـىـرىـش يوللىرى تۆۋەندىكىچە: نەپەس يولىدىن كىرىدۇ، مۇتلەق كـۆپ سـانـدىـكـى بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئائېروزول شـەكـلـىـدە نـەپـەس يـولـى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ؛ ھەزىم قىلىش يولىـدىـن كـىـرىـدۇ، ئادەم - چارۋىلار بىئولوگىـك جـەڭ دورىـلـىـرىـدىـن بـۇلـغـانـغـان سـۇ، يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزىم قىلىش يولى بىلەن ئورگانىزمغا كىرىدۇ؛ تېرىدىكى جاراھەت، شىللىق پەردىلەردىن كىرىدۇ، بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى تېرىدىكى جاراھـەت ۋە كۆز، بۇرۇن قاتارلىق ئورۇنلاردىكى شـىـلـلـىـق پـەردە ئارقـىـلىـق ئادەم بەدىنىگە بىۋاسىتە كىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھاشاراتلارنىڭ چېقىشى ئارقىلىـقـمـۇ ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ.
بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئادەم بەدىـنـىـگـە كـىـرگـەنـدىـن كېيىن، ئادەم ئورگانىزمىنىڭ بىئولوگىك ئىقتىدارىغا بۇزغـۇنـچـىـلـىـق قىـلـىـش ئارقـىـلـىـق كـېـسـەلـلـىـك پـەيـدا قـىـلـىـدۇ. كـۆپ سـانـدىـكـى بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرىپ كېسەللىك پەيـدا قىلغاندىن كېيىن، ئادەمدە قىزىش، باش ئاغرىـش، مـاغـدۇرسـىـزلـىـنىـش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، يۆتىلىش، ئىچى ئېلىـشـىـش، نـەپـەسـلـىـنـىـشـى قىيىنلىشىش، بەدىنىنىڭ بىر قىسىمى ياكى پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش قاتارلـىـق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
بىئولوگىك قوراللار، ئاساسەن، ئىستراتېگىيىـلىـك ھـۇجـۇمـدا ئىشلىتىلىدۇ، تاكتىكىلىق ياراغ سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. كېيىنكىلىرى، ئاساسەن، يۇقمايدىغان ياكى يـوشـۇرۇن مۇددىتى قىسقا بولغان يۇقۇش ئىقتىدارى يوق جەڭ دورىـلـىـرىدىن ئىبارەت.
كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا ھەرقانداق دۆلەت بىئو ياراغلارنى ئىشلەتسە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.