Uyghur主要词典
گلۇكوزا
بىئولوگىيە
تەركىبىدە ئاكدېگىد رادىكالى بولغان گېكسوزا بولۇپ، مونو ساخارىدلارغا ئوخشايدىغان فىزىكىلىق خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. سۇدىكى ئېرىتمىسىدە نۇ ئوڭغا بۇرالغانلىقىدىن <ئوڭغا بورىغۇچى> قەنت دەپ ئاتىلىدۇ. جانلىقلار تېنىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر خىل مونوساخارىد بولۇپ، جانلىقلار دۇنياسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان. دى ساخارىدلار (مەسىلەن مالتوزا، ساخاروزا) ۋە پولى ساخارىدلار (مەسىلەن، كراخمال، گلىكوگېن، سېلليۇلوزا ھەم نۇرغۇنلىغان قەنت تۈرىدىكىلەر) ھايۋانلارنىڭ قېنىدىكى مۇھىم قەنت تۈرىدىكى ماددىلار ئورگانىزمنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. سانائەتتە ئومۇمەن كراخمالنى كىسلاتا ۋە ئېنزىملارنىڭ تەسىرىدە گىدرولىزلاپ تەييارلىنىدۇ. يېمەكلىك سانائىتىدە تەم تەڭشىگۈچى دورا (دورا - دەرمان) قىلىنىدۇ، مېدىتسىنادا ئاساسەن ئوزقۇقلۇق سۈپىتىدە ئوكۇل قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
خىمىيە
ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى C6H12O6. ئاددىي قەنت بولۇپ، رەڭسىز كرىستال ھالىتىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىىرى بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانات ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. تېببىي دورىگەرلىكتە قۇۋۋەتلەندۈرۈش دورىسى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە قەنت - گېزەك ۋە پېچىنە قاتارلىقلارنى ئىشلەشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ.