Uyghur主要词典
توقۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئۇلاغنىڭ ئۈستىگە توقۇلىدىغان جابدۇق. <ئىگەر> ئومۇمىي.
<چوم> كۆپىنچە تۆگىنىڭ.
<ئۇچۇلۇق>، <مۆلە> لەر ئېشەكنىڭ.
ئات ئالغۇچە، ئېگەر تاپ. ئاتتىن ئايرىلساڭ ئايرىل، ئېگەر - توقۇمدىن ئايرىلما. چومى ئالمىشىپتۇ. تۆگىسى يەنە شۇ. ئېشەك ھاراق ئىچسە، ئۇچۇلۇقىنى سوۋغات قىلار. مۆلىسى يوق ياۋىداق ئېشەكنى مىنمە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سويۇلىدىغان مال. بۇ سۆز كۆپىنچە سويۇلىدىغان ئاتقا ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 515
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<توغۇم> غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئات - ئۇلاغلارنىڭ ئېگەر ياكى چومىنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان، بىر قانچە كىگىزدىن تىكىلگەن جابدۇق.
ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ، توقۇمىدىن ئايرىلما (ماقال).
سۈپ. قات - قات؛ قېلىن.
- مانا قارىمامسىز، دوختۇرغا قاتراۋېرىپ، كېسەل تارىخىممۇ توقۇم بولۇپ كەتتى.
ئى. كۆچمە. باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن گۇناھ، ئەيىب.
ئۆزىنىڭ توقۇمىنى باشقىلارغا ئارتماق.