Uyghur→Chinese主要词典
گومېز
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
戈麦斯〈玻、巴拿〉
gē mài sī 〈bō 、bā ná 〉
دۇنيا تارىخى
戈麦斯
gē mài sī
(1) ماكسىم گومېز (1836 - 1905) كۇبا مىللىي ئازادلىق ھەركىتىنىڭ داھىيىسى. ھازىرقى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردىكى 1861 - 1865 - يىللاردىكى ئازادلىق ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. كېيىن كۇباغا قېچىپ كېلىشكە مەجبور بولغان. كۇبادىكى ئون يىللىق ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلاردا خىزمەت كۆرسەتكەن. 1877 - يىلى ئەركىن كۇبا ھۆكۈمىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1892 - يىلى، كۇبا ئىنقىلابىي پارتىيىسى تەرىپىدىن كۇبا ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1895 - يىلى 3 - ئايدا دومېنىكا ۋە مارتى بىلەن بىرلىشىپ <مېنتان كىرىستى خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلىپ، خەلقنى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا چاقىرغان. 4 - ئايدا مارتى بىلەن قوشۇن باشلاپ كۇبانىڭ شەرقىي قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. 9 - ئايدا كۇبا مۇستەقىللىك جاكارلىغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. مارتى ئۆلگەندىن كېيىن ماتسىيئو بىلەن بىرلىكتە 10 - ئايدا <توساتتىن بېسىپ كىرىش ئۇرۇشى> قوزغاپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى (1898 - يىل) دىن كېيىن، ئىنقىلابي ئارمىيىنى تارقىتىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كۇبانى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا مۇرەسسەچىلىك پوزىتسىيە تۇتقان. 1899 - يىلى پارلامېنت تەرىپىدىن خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان. (2) جۇئان. ۋىكېنىتى. گومېز (1864 - 1935). ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى (1908 - 1915، 1922 - 1929، 1931 - 1935) ئىندىئان - ياۋرۇپا مېتىس نەسلىدىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان. پادىچى بولغان. <ئاندېس تاغلىقلىرى> پارتىزانلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىچكى ئۇرۇش قىلشقا تايىنىپ تەختكە چىققان. 1899 - يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1908 - يىلدىن باشلاپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمەتنى بەرپا قىلغان. چەت ئەل مەبلىغىنى ئارىيەتكە ئېلىپ نېفىت قېزىشنى يولغا قويغان. 1914 - يىلى ئاساسىي قانۇننى تۈزگەن. ئۆزىنىڭ كونتروللۇقتىكى <گۈللەندۈرۈش> پارتىيىسىنى قۇرۇپ، بارلىق ئۆتكۈنچىلەرنى باستۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، تېررۇر ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان.