Uyghur→Chinese主要词典
فرانكلار
دۇنيا تارىخى
法兰克人
fǎ lán kè rén
گېرمانلارنىڭ قەبىلە تۈرى. دەسلەپ رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا تارقالغان. ئاساسلىقى ئىككى تارماق بولۇپ، رېين دەرياسى دېلتىسىنىڭ دېڭىزغا يېقىن رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى سالىئان فرانكىلىرى، رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى تۈۈزلەڭلىكلەردە ئولتۇراقلاشقانلىرى رىپۇرىئان فرانكىلىرى دەپ ئاتالغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ داۋاملىق تۈردە رېين دەرياسىدىن ئۈتۈپ، رىم ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدىكى رايونلارنى يۇتۇۋالغان. Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىتتىپاقچىسى سۈپىتى بىلەن گاللىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان. 486 - يىلى سالىئان فرانكلارنىڭ باشلىقى كلوۋى قوشۇن باشلاپ غەربىي رىم ئىمپېرىيىسنىڭ گاللىيىدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن لورىې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى گاللىيە رايونىنى ئىشغال قىلىپ، فرانك پادىشاھلىقىنى قۇرغان. Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە فرانكلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقى بارا - بارا يوقاپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە قاراپ ئۆتۈشكە باشلىغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى كارولۇس ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن غەربىي فرانكلار ئاستا - ئاستا يەرلىك رىملىقلار، گاللىيانلار، غەربىي گوتلار ۋە بوروندلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن؛ شەرقتىكى فرانكلار ساكسېنلار، باۋارىيىلىكلەر ۋە ئالمانىيلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
ئۇنىۋېرسال
法兰克人
fǎ lán kè rén